2023.07.10

ئۇزۇن يىل ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان ئامېرىكادىكى ۋاقتىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن، تۈركىيە پارلامېنتىغا يېڭى سايلىنىپ كىرگەن بىلال بىلىجى ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلارنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بىلال بىلىجى ئەپەندى، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز ئېلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرقى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركلەرنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلارغا بۇنداق چەكلىمە قويۇشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر لىدېرلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر، باياناتچىسى دىلشات رېشىت، د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن مەھمەت توختى قاتارلىقلار پەقەتلا خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان تۈركىيەگە كىرەلمەيۋاتىدۇ. بۇنى قەدىرلىك تۈرك مىللىتى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قانۇنغا خىلاپ بولغان چەكلىمىسىنى بالدۇرراق بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
بىلال بىلىجى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشنى مىللىي دەۋايىمىز دەپ بىلىمىز. شۇڭا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق قانۇنسىزلىقلارغا قارشى تۇرىمىز. ئۇنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە قوغدايمىز. مەن 5-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويدۇم. بۈگۈن يەنە سۆز ئېلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدىم. مەن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىۋاتىمەن. بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن».

بۇ، پرېزىدېنت ئەردوغان 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى «مىللىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە دەۋەت قىلىپ ئەكېلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا جىمىقىپ قالغان بۇ گەپنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ رەسمىي پارلامېنت يىغىنىدا ئېغىزىدىن قايتا چىقىشى ئىدى. شۇڭا بىلال بىلىجىىنىڭ رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنى تەكىتلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەسىر قوزغىدى.
بۇنىڭدىن سىرت 6-ئايدا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئەسناسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دېگەنلىرىگە قارىتا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەھمۇد ئابباسنى قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن كېيىنلا 24-ئىيۇن كۈنى تۋىتتېر ئارقىلىق يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەدە مېھمان قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇ، باياناتىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇنى تۈركىيەدە مېھمان قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بىلدۈرۈشلىرىمۇ كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغانىدى.
ئەلۋەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرقى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭمۇ تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەن ۋە بۇ مەسىلە ئىلگىرىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنغانىدى. مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسى بۇ مەسىلىنى قايتا كۆتۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر «جىنايەت» سادىر قىلمىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ ئىجابىي قارار بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇرۇن نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈركىيەگە ئوخشاش چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، لېكىن قانۇنىي جەھەتتىكى كۈرەشلىرىمىز نەتىجىسىدە بىكار قىلدۇردۇق. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئەنقەرە سوتىنىڭ قارارىغا پىسەنت قىلماي مېنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىمنى قايتا چەكلىگەنلىكى تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ. چۈنكى مەن ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىدىم. شۇڭا بىز بۇرۇن تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىغا سۇنغان ئەرزىمىزگە ئىجابىي جاۋاب كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ناۋادا ئاساسىي قانۇن سوتىدا ھەل بولمىسا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرز قىلىمىز. مەن تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. شۇڭا ئەڭ قىسقا زاماندا بۇ ئەرزىمىزنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن دىدار كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى 8 دۆلەت پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا 3 قېتىم چەكلىمە قويۇپ كىرگۈزمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن بەزى مەنپەئەتلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن تۈپەيلى دولقۇن ئەيساغا قويغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەنقەرەدە بالنىستا يېتىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنى يوقلاش ئۈچۈن 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچە سائەت 1:30 دا ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئەمما تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسا ھەققىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەن ئىچكى قارار چىقىرىپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى ئىككىنچى قېتىم چەكلىگەنىدى.
خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بىراق ئىنتېرپول بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى 2018-يىلى بىكار قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۇنىڭ كىرىشنى قارشى ئالغانىدى. رابىيە قادىرمۇ ئوخشاشلا تۈركىيەدىن باشقا كۆپ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغانىدى.