ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.06.13
freedome_form_lagir-shahitliri-012023-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار يىغىن سەھنىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ.2023-يىلى 13-ئىيۇن

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ئۈستىدە مۇنازىرىلەر بولىدىغان شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تونۇلغان شەخسلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسەت، سودا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى جەم قىلىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق سورۇنلارنىڭ بىرى بولغان 2023-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىلدى. 13-ئىيۇن كۈنى باشلانغان بۇ يىغىنغا قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ ئىككى نەپەر لاگېر شاھىتىنىڭ سەھنىگە بىرلىكتە چىقىپ سۆزلىگەن تەسىرلىك نۇتقى يىغىن ئەھلىنى زىلزىلىگە سالغان. ئۇلار ئۆزلىرى بىۋاسىتە شاھىت بولغان، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە يولۇقۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەلىرىنى، لاگېرلاردا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاڭلاتقان.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم سۆزىدە، ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدىن پېنسىيە رەسمىيەتلىرىگە قول قويۇش باھانىسى بىلەن چاقىرتىپ كېلىنگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ قىيىن-قىستاقلىرى بىلەن «ئادەم توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ لاگېرغا سولانغاندىن تارتىپ قۇتقۇزۇلۇپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا تارتقان ئازابلىرىنى بايان قىلغان.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم بولسا ئۆزىنىڭ دەسلەپتە ئەرلەر لاگېرى ۋە كېيىن يۆتكەپ ئاپىرىلغان ئاياللار لاگېرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى، لاگېر تۇتقۇنلىرى ئۇچرىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرنى بايان قىلغان.

ئۇلار يەنە، ئۆزلىرى چەتئەلگە قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى بايان قىلغاندا، زال ئىچىدە گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭرىغان.

 

2023-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى.2023-يىلى 13-ئىيۇن
2023-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى.2023-يىلى 13-ئىيۇن

بىز «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ 13-ئىيۇن كۈنىدىكى يىغىنىدىن كېيىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملارغا تېلېفون قىلىپ زىيارەت قىلدۇق.

قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ دىيىشىچە، بۈگۈنكى بۇ يىغىن ئىلگىرى ئۆزى قاتناشقان ھەرقانداق يىغىندىن بەكرەك چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە نۇرغۇن ۋەكىللەر ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە تەكلىپ قىلىشقان.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار «ئوسلۇ ئەركىنلىك مۇنبىرى» دا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغاندا، ھەر بىر سۆزلىگۈچىگە بېرىلىدىغان 5 مىنۇتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان زۇلۇمنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشقان. ئۇلار كۆپ قېتىم ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، مەشىق قىلىپ، ئاخىرى ئەتراپلىق تەييارلىقلار بىلەن بۇ سەھنىگە چىققان. ئۇ بۈگۈنكى نۇتقىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن «كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتىپتۇق» دەپ ئويلىغانلىقىنى دېدى.

يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى نەپەر لاگېر شاھىتى سۆزلىگەندە، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئىككى نەپەر تەرجىمان نەق مەيداندا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئەنە شۇلاردىن بىرى. رەھىمە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىندىن ئىلگىرى ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى نەتىجە بەرگەنلىكىنى، بۇ ئىككى خانىمنىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىلاردا زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى.

رەھىمە خانىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى لاگېر شاھىتى يىغىندىن كېيىن خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن كېلىۋاتقان زىيارەت تەلەپلىرى بىلەن بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.

ئۇلارنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشلامچىلىق رولى ئويناۋاتقان سىياسەت ۋە تىجارەت ساھەسىدىكى كىشىلەرمۇ يىغىلىدىغان سورۇن بولغاچقا، لاگېر شاھىتلىرى يىغىندىن كېيىنكى ئۇچرىشىشلاردىمۇ ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بولغاچقا، زال ئىچىدىكىلەر نۇتۇق تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ توختىماي ئالقىش ياڭرىتىپ، بۇ ئىككى قەھرىمان ئايالغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» 2009-يىلى باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر خەلقئارادىكى نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان نوپۇزلۇق سورۇنغا ئايلانغان. ھازىرغىچە بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ 2010-يىلى رابىيە قادىر خانىم، 2019-يىلى نۇرى تۈركەل، 2020-يىلى گۈلچېھرە خوجا، 2021-يىلى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات، 2022-يىلى جەۋھەر ئىلھاملار قاتنىشىپ سۆز قىلغانىدى.