مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.14
amerikadiki-uyghurlar-jumhuriyet-kunide-2022-1.jpgئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى فايىرفاكىس شەھرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى»دە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى يىللاردىن بۇيان ئەڭ زور ھاياجاندا قۇتلايدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنىدۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2022-يىللىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى بىلەن شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ۋاشىنگتون شەھرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان فايىرفاكىس شەھرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى»دە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

ۋىرجىنىيە شەھرىدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۆتۈرگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بايرىقى، شۇنىڭدەك بايراق كۆتۈرگەن ياشلارنىڭ ئۇچىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمىسى پائالىيەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان مەنزىرىلەردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن دوكتۇر ئەنۋەر مەمەت پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىدى ھەمدە ئەھمىيىتى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

بۇ يىلقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پېشقەدەملىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئاكا ئالايىتەن نيو-يورك شەھرىدىن يېتىپ كەلگەن ئىدى. غۇلامىدىن ئاكا خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەبىي بالىلىق ئەسلىمىسىدە ساقلىنىپ قالغان بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەزى كارتىنىلىرىنى پائالىيەت ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇنىڭدەك مۇستەقىللىق ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنىڭ دۇنيادا تېپىلغۇسىز نېمەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. غۇلامىدىن پاختا ئاكىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىشى پائالىيەت زالىدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى قوزغىدى.

amerikadiki-uyghurlar-jumhuriyet-kunide-ghulamidin-paxta-2022-2

ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئۆتكەن يېرىم ئەسىر مابەينىدە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. شۇ قاتاردا بۇ ساھەگە بېغىشلانغان بىر قاتار يىرىك ئەسەرلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا تۇتقان ئورنى قاتارلىق ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ قاتاردىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتور شان روبېرتىس (Sean R. Roberts) مۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى ھەمدە يىغىن ئەھلىگە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئالاقىدار بىر قىسىم تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

amerikadiki-uyghurlar-jumhuriyet-kunide-2022-3

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، ھەر ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سەۋەپنى مەنبە قىلغان ھالدا دۇنياغا كەلگەن. بۇ ھال ئۇلارنىڭ خېلىلا مۇكەممەل تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنىدىكى مەزمۇنلاردىمۇ تولۇق ئەكس ئەتكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تولۇق مەنىدىكى ھازىرقى زامان مۇستەقىل دۆلىتى سۈپتىدە دۇنياغا كەلگەن ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلغان ۋاقىتلىرى ئوتتۇرىسىدا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پەرقى بولسىمۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى خوجا نىياز ھاجى شۇ ۋاقىتتا «خىتايلارنىڭ زۇلۇمى شەرقىي تۈركىستاندىن ئەبەدىيلىككە يوقالغۇسى» دەپ جاكارلىغان ھەمدە بۇ مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى «شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ خوشاللىقىنى مەقسەد قىلىدۇ» دېگەن. گەرچە خوجا نىياز ھاجى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئافغانىستان قاتارلىق بىر قىسىم چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۆچەكىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان. بۇ ھال خۇددى ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ كۆپلىگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «خىتاينى رەنجىتمەسلىك» مەۋقەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىش كۆرۈشى بىلەن پاراللېل بىر ھادىسە بولۇپ قالغان. ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى تۈپەيلىدىن ئاخىرى ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىۋېتىلگەن. ئەمما بۇ تارىخىي قىسمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا ئىزچىل ئوخشىمىغان شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى، چۈنكى مىڭلىغان شېھىدلەرنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە يارىتىلغان بۇ تارىخنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇللۇققا باش ئەگمەيدىغان روھىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۈمىدنى يوقاتماي ئەجدادلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشى لازىملىقىنى ھەمدە ئاخىرىدا ئاشۇ جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بۇنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

amerikadiki-uyghurlar-jumhuriyet-kunide-rabiye-qadir-2022-4

پائالىيەت ئەھلىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى قۇززات ئالتاي، «دىيانەت مەركىزى»نىڭ باش سېكرېتارى ئەھمەد زۇلال قاتارلىقلارمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. بولۇپمۇ زۇبەيرە شەمسىدىننىڭ يۇمۇرلۇق قىلىپ: «بوۋامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، 1944-يىلى ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممىلا كىشى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ بىر جەڭچىسى بولۇش ئۈچۈن تېپىچەكلىگەن ئىكەن. ئەمما ھازىر ھەممىمىز داھى بولۇشقا تىپچەكلەۋاتىمىز» دېيىشى زالدا يەڭگىل كۈلكە قوزغىدى.

amerikadiki-uyghurlar-jumhuriyet-kunide-zubeyre-shemsiddin-2022-5

بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىمۇ خېلى كۆپ ساندا قاتناشقان بولۇپ، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن ئۆزلىرىگە چۇشلۇق مەلۇمات ۋە زوق ئالدى. چەت ئەللەردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى سىڭدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بالىلار ئۈچۈن جانلىق بىر مەيدان دەرس بولىدىغانلىقىنى، ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا «سىڭگەن ناننى يېيىش» ھەققىدە تەربىيە قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ زىيانلىق بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك جىددىي پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولغان شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىغا بۇ قاباھەتنى ئاڭلىتىشقا ھەممىلا كىشىنىڭ كۈچ چىقىرىش لازىملىقىنى، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى ئاۋارە قىلىدۇ» دەپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنىڭ ھېچقاچان ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەت بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، پائالىيەت ئارىلىقىدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا پروفېسسور شان روبېرتىسنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق كىتابى نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ سېتىلدى.