2022.02.04
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى ئەزاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئاشكارىلاشتا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى تەشكىلاتنى نامزاتلىققا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سۆزى بىلەن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت كۆرسەتكەن.
ئۇلار نوبېل كومىتېتىغا يازغان بۇ ھەقتىكى خېتىدە، يۇقىرىقى ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا قارىتا تەنقىدى پىكىرلەرنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىدۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىلھام توختى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ نىشانى بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، دۆلەتلەر ئارىسىدا قېرىنداشلىق ۋە تىنچلىقنى ئالغا سۈرۈشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى.»
خەتتە يەنە «ئۇيغۇر خەلقى تارتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەر بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپلىگەن ھۆججەت ۋە دەلىللەر ئاساسىدىكى تەتقىقات خىزمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. …. . ھەر ئىككى تەشكىلاتنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قىلغان خىزمىتى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر رەھبەر ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانچە كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تراگېدىيەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ» دېيىلگەن.
بۇ نامزاتلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى 4-فېۋرال كۈنى باشلانغان، لېكىن ئولىمپىك ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.