مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.24

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا كانادا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا ۋە مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتىدە كانادادا خىزمەت زىيارىتىدە بولماقتىكەن.

كانادادىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «يەرشارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ23-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى شان فرايزېر بىلەن، شۇنىڭدەك باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئ‍ۇچرىشىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ يەنە كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئالغان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىماقچىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ بىرەر ئەمىلى ھەرىكەتتە بولمىغان. شۇڭا دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «پارلامېنتنىڭ قارارى ھېچقانداق نەتىجە يارىتالمايدىغان قۇرۇق ۋەدە بولۇپ قالمىسىكەن، دېگەننى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسى يەنە بىر مۇھىم سۆھبەت تېمىسى بولىدىكەن. بولۇپمۇ كانادانىڭ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تېزلەشتۈرۈپ بېجىرىش» ساھەسىدە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانماسلىقى بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ھەر يىلى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان مۇساپىر ۋە قاچقۇنغا پاناھلىق بېرىۋاتقان كانادانىڭ نەچچە مىڭ ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىشى ھېچقانچە قىيىن ئىش ئەمەس» دېگەن. بولۇپمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 50 مىڭچە ئۇيغۇرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 15 مىڭى ئىقامەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھەرقاچان تەشۋىشتە ياشىماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا كانادا باش مىنىستىرى ترۇدۇ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى يوللىغان بولسىمۇ، باش مىنستىر ئىشخانىسى ھازىرغىچە بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن. ئەمما سابىق كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر ئەينى ۋاقىتتا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغانىكەن.