مۇخبىرىمىز ئىرادە ۋە شەھرىزات
2021.11.15
جوۋ بايدېن ۋە شى جىنپىڭنىڭ سىن ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تىلغا ئېلىنامدۇ؟ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكا ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى كېچىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق كۆرۈشمەكچى. 2021-يىلى 14-نويابىر.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكا ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى كېچىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق كۆرۈشمەكچى. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ 2-ئاي ۋە 9-ئايلاردىكى ئىككى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن جىددىيلىك ئىنتايىن كۈچەيگەن ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سۆھبەت كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى بولسا پرېزىدېنت جوۋ بايدېندىن بۇ ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىشتى.

14-نويابىر كۈنى ئاق ساراي ئالدىغا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر يىغىلىپ نامايىش قىلىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ، ئىنسان غورۇرىنىڭ، ئەركىنلىكىنىڭ ھەرقانداق ئىقتىسادىي كېلىشىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ سەمىگە سالغان. بارلىق نامايىشچىلار بىرلىكتە «خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىڭلار، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، تىبەتكە ئەركىنلىك، تەيۋەنگە ئەركىنلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى رەت قىلايلى» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىشتا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە گۇلزىرە ئاۋۇلقان قاتارلىقلار ھەم ئەلفىدار ئىلتەبىر ۋە جەۋھەر ئىلھام قاتارلىق پائالىيەتچىلەر نۇتۇق سۆزلىگەن. نامايىش جەريانىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن ئەلفىدار ئىلتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ پرېزىدېنت جوۋ بايدېندىننىڭ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى، لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە شى جىنپىڭگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ مەسىلىلەرگە بىر ھەل قىلغۇچ چارە تېپىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

گەرچە بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە خىتايغا ئىمپورت چەكلىمىسى قاتارلىق جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان كىلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، دەپ قاراپ داۋاملىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىش بىرلىكىنى تەكىتلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى. نۇرغۇن ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىگە بېكىتكەن ئالاھىدە ئەلچىسى جون كېررىينىڭ خىتاي بىلەن ئۇچرىشىشلاردا تەكرار – تەكرار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ‹مېنىڭ دائىرەم ئەمەس› دېگەن باھانە بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە قارىتا ھۆكۈمەتتىنمۇ بىر ئىزاھات كەلمەسلىكى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى جۈملىدىن خىتايدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغانلىقىدەك گۇمانلارنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى ئاندېرس كور بىزگە ئېلخەت بىلەن قايتۇرغان ئىنكاسىدا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىش ئېھتىمالىنى ئاز دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكاغا ۋە ئۇنىڭ تەيۋەن، ئاۋسترالىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىغا يوشۇرۇن تەھدىت سېلىشنى داۋام قىلىۋاتقان بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پرېزىدېنت بايدېن شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەر قانداق سۆھبەت بىزنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرگەننىڭ ئەكسىچە خىتاينى جاسارەتلەندۈرىدۇ».

ئەپسۇسلىنارلىقى، ئاندىرس كور ئەپەندى بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمايدۇ، دېدى. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:

«پرېزىدېنت بايدېننىڭ سۆھبەتتىكى مۇھىم نۇقتىسى سودا ۋە كىلىمات مەسىلىسى بولىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مەن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بەك كۆپ تەكىتلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن».

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇلار جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېلان قىلغان تۇرۇقلۇق، بۇنى پەقەت بىر قانچە يەردە تىلغا ئېلىپ خىتاينى ئازراق بىئارام قىلىپ قويغاندىن باشقا بىر كونكرېت ھەرىكەت كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پرېزىدېنت جوۋ بايدېنغا مۇنداق دەپ چاقىرىق قىلغان:

«بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن يەنىلا ۋاقتى بار. پرېزىدېنت بايدېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ بېشىدىلا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ئۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭى قانۇنلارنى تونۇشتۇرۇشى، زۇلۇمغا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا، پېنسىيە فوندلىرىدا ياكى پاي بازىرىدا ئورۇن ئالالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى› قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتى ئاخىرىدا ئەگەر پرېزىدېنت جوۋ بايدېن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپلا قالماي، زۇلۇم قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغان بىر ئۇچرىشىش بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئۆزىنىڭ سايلام ۋەدىسىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى بىر زىيارىتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بىراق بۇ مەسىلىلەر بۈگۈن كېچىدىكى ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلامدۇ؟ بۇ ھەممە دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئامېرىكادىكى داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى ئەنەس كانتەر بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىلغان سۆزىدە جوۋ بايدېننى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى. ئۇ چاقىرىقىدا «زالىم بىلەن ئويناشنى توختىتىپ، دۇنياغا قىلغان ۋەدىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ. كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ. بۈگۈن جوۋ بايدېن ئەپەندىم سۆھبەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھوقۇقىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمنى سورامدۇ ياكى ئۇلار بىر-بىرىنىڭ دۈمبىسىنى پەپىلەمدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.