2021.10.01

خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنى قوللىرىدا كۆك كۈنلۈك كۆتۈرگەن ئامېرىكادىكى تەخمىنەن 300 دەك ئۇيغۇر ۋاشىنگتون شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، دۇنيانى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دىن ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغان. نامايىشچىلار دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن جاۋابكارلىققا تارتىشىنى، ئېمبارگو قويۇشىنى، شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىشىغا خاتىمە بېرىشنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن جىم مېكگوۋېرىن، تام سۇۋازى، ۋىكىي خارزىلېر، يوڭ كىم قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ ئىشنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىپ قويۇش بىلەن بولمايدىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋە كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم سۆزگە چىققاندا، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى، «قورقۇنچلۇق دوكلاتلاردا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، قۇل ئەمگىكى، قىيىن-قىستاق، مېڭە يۇيۇش، باسقۇنچىلىق ۋە شۇ قاتاردا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەم نازارەتكە ئۇچراۋاتقانلىقى تەپسىلىي شەرھىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يىرگىنچلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دەرھال خەلقئارالىق ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەقەززالىق بىلەن كۈتۈلمەكتە» دېگەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشتا پالاتا ئەزالىرىدىن باشقا يەنە ئامېرىكا باش ئەلچىلىرىدىن كەللىي كۇرې، ئاندرېۋ برېمبېرگ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلارنى شۇنداقلا ئاممىۋى ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى، ئۇيغۇر ھەم قازاق لاگېر شاھىتلىرىنى، ئۇيغۇر يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر سۆزگە چىققان.

ۋاشىنگتوندىكى نامايىش شۇ كۈنى تۈركىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىش، خىتاي دائىرىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تېما قىلغان خەلقئارالىق ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
