مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.10.01

matem-kuni-namayish-1.jpg

ئۇيغۇرلارنىڭ «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قايغۇ ۋە غەزەپ ئىچىدە تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى «دۆلەت بايرىمى» بولۇپ، بۇ يىلقى نارازىلىق پائالىيىتى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ زور كۆلەملىك ۋە داغدۇغىلىق نامايىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىرلىكتە پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشنىڭ ئورنى ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان «لىنكولىن خاتىرە سارىيى» نىڭ ئالدىدىكى مەيدان تاللانغانىدى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى چۈش ۋاقتىدىن باشلاپلا كەڭ مەيدان ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ھەمدە ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» بايرىقى بىلەن تولۇشقا باشلىدى. نامايىش ئۈچۈن يىغىلغان جامائەت ئارىسىدا ياشلارمۇ، مويسىپىتلارمۇ، سەبىي ئۆسمۈرلەرمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا مىللەت ۋە ئىرقتىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق» دېگەندەك خەتلەر بېسىلغان مايكىلارنى كىيگەن ھالدا نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇشى ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردىكى نامايىشلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى مەزمۇنلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۆزگىچە شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. .

بۇ قېتىمقى نامايىش ئىشتىراكچىلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» بايرىقىنىڭ رەڭگىدە كۈنلۈك ۋە ئوخشىمىغان چوڭ-كىچىكلىكتە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىسۇن» دېگەن خەتلەر بېسىلغان مايكىلارنى تەييارلىغانىدى. نامايىشقا يىغىلغان نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئوخشاش كۈنلۈك كۆتۈرۈپ، ئوخشاش مايكا كىيىشى بىلەن نامايىش مەيدانى ئۆزگىچە ھەيۋەتكە ۋە سۈلكەتكە ئىگە بولغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەلفىدار ئىلتەبىر بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن بۇ خىل تەييارلىق قىلىشتىكى بەزى سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. .

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئەڭ كۆپ قاتناشقان بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خېلىدىن بۇيان تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مەزمۇن ئىكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا جامائىتىگىمۇ بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە شەكىلدىكى نامايىشنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. .

چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە رەسمىي باشلانغان نامايىش پائالىيىتى ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى» بىلەن باشلاندى. . دۆلەت مارشلىرىدىن كېيىن بۇ قېتىمقى يىغىن رىياسەتچىسى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ خەلقئارا ھېمايىگەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇيىزا گرېۋ بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى خادىملارنى ۋە باشقا سىياسىيونلارنى تونۇشتۇرۇپ ئ‍ۆتتى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن توم سۋازى، جېيمىس مەكگوۋېرن، يوڭ كىم، ۋىكىي خارتىزلىر، ئا ق ش نىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىغا ئەۋەتىلگەن باش ئەلچىسى ئاندرېۋ برېمبېرگ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، تەيۋەن پارلامېنتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت، شۇنىڭدەك لاگېر شاھىدلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلخان قاتارلىقلار بار ئىدى. نامايىش پائالىيىتىگە يەنە ئوخشىمىغان دىنىي جامائەت ئۈچۈن دىنىي ساھەنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئەنقەر ھاجىم، رابباي ساراى كرىنسكىي، پاستور بوب روبېرتىس قاتارلىقلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ھەرقايسى خادىملار بىر-بىرلەپ سۆزگە چىقىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سۆز قىلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا مەجلىسى ئەزالىرىدىن توم سۋازى قاتارلىقلارنىڭ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» دەپ سۆز باشلىشى نامايىش مەيدانىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى زور ھاياجانغا سالدى. . شۇ قاتاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ساھەدىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ رېئاللىق ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قاتار قانۇن لايىھىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىزچىل ۋە پائال كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋىكىي خارتىزلىر خانىم ھۆرلۈك، بەختتىن بەھرىمەن بولۇش دېگەنلەرنىڭ پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان مەنىۋىيەت نېمەتلىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ئېچىنىشلىق تۈردە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان چارىلارنى ئىجرا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ «مەن ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ھىمايە قىلىمەن. دۆلەت مەجلىسىمۇ سىلەرنى ھىمايە قىلىدۇ. بىز تاكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىمىسا بىزمۇ توختاپ قالمايمىز» دېگەندە پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ھۆكۈمەت خادىملىرى، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، لاگېر شاھىتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىن مۇسادىرە قىلىنغان غايەت زور ماددىي بايلىقنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشى، ئۇيغۇر نوپۇسى دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي خىرىسلار قاتارلىق رېئاللىق ھەققىدە سۆز قىلدى. . شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ تېگىشلىك ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشكە كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنى ئاغزاكى تەكىتلەشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان باشقا ئەمىلى تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. . شۇ قاتاردا يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا بايراقدار شەخسلەردىن بولۇپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىممۇ ئالاھىدە سۆز قىلىپ «ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغىلى 72 يىل بولدى. بۇ پەقەت ئەمدىلەتىن مۇشۇنداق بىر كۆلەمدە ئاشكارا بولۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. .

ۋاشىنگتون ۋە باشقا جايلاردىكى كۆپ قېتىملىق نامايىش پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىدلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ زۇلۇم بۇ قەدەر چېكىگە يەتكەندە ھەمدە پۈتكۈل مىللەت ئۆلۈم گىردابىغا دۇچ كېلىۋاتقاندا بۇ خىل نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدىن بەكمۇ شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئورنى ئاقساراي بىلەن «ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارى» ئارىلىقىدىكى ئادەملەر كۆپ توپلىنىدىغان ئورۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى، شۇنىڭدەك لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىشنىڭ جانلىق مۇنبىرى بولدى.