2021.06.28
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 27-ئىيۇن تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى «مىڭلىغان تەشۋىقات ۋىدىيولىرى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يېپىشقا قارىتىلغان دۆلەت ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەن.
«دۇنيانىڭ قالغىنى ھاڭۋېقىپ تۇرغاندا خىتاي ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېكسپورت قىلماقتا» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى يىراقتىن قارىغاندا كالامپايدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنىلا ئىنتايىن شۈركۈنىشلىك ھەم تەھدىت ئاستىدىكىلەر ئۈچۈن خەتەرلىك» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە: «نيۇ-يورك ۋاقتى» ۋە «پروپۇبلىكا» گېزىتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يوتيۇب، تۋېتتىرغا ئوخشاش ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن 3000 دىن ئارتۇق ۋىدىيونىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، بۇ ۋىدىيولاردا ئۇنىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئالامەت بولمىسىمۇ، بىراق تىلىنىڭ ئىنتايىن غەلىتە ئىكەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، چەتئەلدىكى 74 ياشلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى سۆزلىتىپ تارقىتىلغان ۋىدىيولار بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ماقالىدە، يېقىنقى تەكشۈرۈش خىتاي ئۆزىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئۇچۇر قانىلىنى توسىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردىكى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساختا ۋە ھاكىمىيەتكە دوستانە سىياسىي چاقىرىقلارنى داۋاملىق تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.