2021.02.01

26-يانۋار كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى داكىكاڭ ئۆزىنىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە ئەۋەتكەن بىر كۆرسەتمىسىنىڭ كوپىيەسىنى ئاشكارىلىدى. كۆرسەتمىنىڭ باش قىسمىدا مۇنداق باياناتلار يەر ئالغان: «ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار، يېقىندا ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ جۇڭگوغا قارشى قىلغان سۆزىگە جاۋابەن قىسقا سىن ئىشلەڭلار، سىن كۆرۈنۈشى ئۈچۈن: 1) خىتاي تىلى ياخشى بولغان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنى تاللاڭلار. 2) پومپېيونىڭ سۆزىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈڭلار».
بىز بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن خوتەندىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خوتەن قارىقاشتىكى بىر ئەدلىيە پونكىتى خادىمى بۇ كۆرسەتمىنى ھەردەرجىلىك پارتكوم تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن ئەدلىيە ۋە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ بىرلىكتە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر كۆرسەتمىنىڭ داۋامىدا، ئىشلىنىدىغان ۋىدىيولۇق باياناتلاردا «پومپېيونىڭ جۇڭگوغا قارشى سۆزىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، مېنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپىم كەلدى» دېگەن جۈملىلەرنى قوللىنىش ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان. كۆرسەتمىدە بۇ باياناتلارنىڭ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ۋە ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى مەدھىيەلەش بىلەن ئاخىرلىشىشى تەلەپ قىلىنغان. دېيىلگەندەك، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى پومپېيوغا قارشى باياناتلاردا، سەت ۋە ئەدەپسىز جۈملىلەر قوللىنىلغان بولسا، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتىگە قارىتا «ئانارنىڭ دانىسىدەك ئۇيۇشۇش» قاتارلىق بەتتەم ئوخشىتىشلار يەر ئالغان.
كۆرسەتمىدە يەنە، «مەن جۇڭگولۇق، مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، مەن خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا خۇشالمەن» دېگەن جۈملىلەرنى ئىشلىتىش شەرت قىلىنغان.
خوتەن قارىقاشتىكى ساقچى خادىملىرى ئاھالىلەرنى پومپېيوغا قارشى بايانات بەرگۈزۈش ئۈچۈن يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئۆز تەۋەلىكىدىن پومپېيوغا قارشى گەپ قىلىشقا كىملەرنى بېكىتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. قارىقاش بازارلىق ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خادىممۇ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر كۆرسەتمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلمىدى. ئەمما ئۇ بايانات بەرگۈزۈش ئۈچۈن كىملەرگە نېمىلەرنى ئۆگىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جاۋاب بېرىشنى ئاچچىقلانغان ھالدا رەت قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچلار، مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا قارشى بايانات بەرگەنلەر قاتارىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نەۋرىسى ئايدىدار قاھارمۇ بار بولۇپ، رابىيە خانىم ئالدىنقى كۈنى بۇ تەشكىلات تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلدى؛ ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتتا، خەلقئارا جامائەتكە مۇنداق سوئال قويۇلغان: «يېقىنقى 30 يىلدا، خىتاينىڭ قايسى بىر پۇقراسى، بىر مىنىستىر ئەمەس، بىر يېزا باشلىقىنى تەنقىد قىلىپ باقتى؟ تەنقىد قىلغۇچىلار بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ دېمەك، 38 ئۇرۇق-تۇغقىنى تۈرمە ۋە لاگېرغا تاشلانسا، ئۇنى سۈرۈشتىمۇ قىلالمىغان، مېنىڭ تېلېفونۇمنى ئېلىشقىمۇ جاسارەت قىلالمايدىغان نەۋرەمگە، خىتاينىڭ غوللۇق ئاخباراتىدا تەنقىدىي پىكىر بايان قىلىش جاسارىتى نەدىن كەلگەن ۋە ئۇ ئەركىنلىكنى ئۇنىڭغا كىم بەرگەن؟».
بۇ تەشۋىقاتنىڭ ئەقلىي نورمال ئادەمنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، رابىيە قادىر خانىم، خىتاي تەرەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان بولغاچقا، كۆڭلىدىكى جىنايەت تۇيغۇسىنىڭ تەسىرى بىلەن تەشۋىقاتچىلىقتا ئۆزىنىڭ ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى خاتا مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ بۇ دەرىجىدە تۆۋەن سەۋىيەلىك ئۆزىنى ئاقلاشلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىشكە ۋە ۋەزىيەت ھەققىدە ئاقىلانە ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە توغرا مەيداننى تاللاشقا دەۋەت قىلغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيوغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى دىققىتىڭلارغا سۇنۇلدى.