2021.01.06

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا 3 مىليونغا يېقىن بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولىغاندىن باشلاپ، لاگېردىن تىرىك قۇتۇلۇپ چەتئەللەرگە چىقالىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا قارىماي، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق نازارەت ۋە سىياسەت ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرى پاش قىلىپ كەلمەكتە.
بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ دۇنيا ئاخباراتى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ھەمدە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا ئۆزىنىڭ جازالاش لاگېرلىرىدا ئۇچرىغان زۇلۇملارنى پاكىتلىق ئاڭلىتىشى، خەلقئارادا خىتاينى «قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەش ئاۋازىنىڭ كۈچىيىشىدە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلدى. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چەتئەللەردە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار ئىلگىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت، ياش پائالىيەتچىلىرىدىن فۇرقەت جەۋدەت ۋە ئەرەفات ئەركىن قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇلارغا قارشى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تاراتقۇلارغا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە رەددىيە بەرگۈزۈپ، مەخسۇس خەۋەرلەر تارقاتقانىدى.
گوللاندىيەدە پاناھلانغان لاگېر شاھىتى، سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئەمدى قەلبىنۇر سىدىقنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر 2-ئايدا، ئۆزىنىڭ قەلبىنۇر بىلەن ئاجراشقانلىقىنى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ ئالاقىسىنى ئۈزگەن ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئېرى، تەڭرىتاغ رايونلۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تارماق شىركىتىدىكى تۇرسۇن ئىسمائىل، بۇ يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىش ھەققىدە ئۇچۇر ئەۋەتكەن. تۇرسۇن ئىسمائىلنىڭ «مېنى ئويلىمىساڭمۇ قېرىنداشلىرىڭنى ئويلاپ قوي. . .» دېگەندەك تەھدىتلىرى تەسىرىدە، قېرىنداشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىگەن قەلبىنۇر ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ۋېدىئولۇق كۆرۈشكەن. تۇرسۇن ئىسمائىل ئۇنىڭغا شەھەرلىك تارماقلارنىڭ مەھەللە ساقچىلىرى بىلەن 2020-يىلى 19-دېكابىر كەچ سائەت 8 دىن 12 غىچە مەخسۇس ۋېدىئوغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
تۇرسۇن ئىسمائىلنىڭ قەلبىنۇرغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدە، كەلگەنلەرنىڭ بىرمۇبىر ئۆگەتكىنى بويىچە تەكرار تەكرار سۈرەتكە ئېلىنىپ سۆزلىتىلگەن، 4 سائەتكىچە داۋام قىلغان بۇ ۋېدىئودا ئۇ پەقەت، قەلبىنۇرنىڭ ھېچقاچان لاگېرلاردا ئوقۇتقۇچى بولۇپ باقمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىى، ھەتتا ئۇنىڭغا مەجبۇرىي ئۈزۈك سېلىنغانلىقىى، چەتئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىنىش ئالدىدا ئۇنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىنكار قىلىپ سۆزلىتىلگەن.
قەلبىنۇر سىدىق، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنى قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساڭ فاڭگوۋ(تۆشۈكتام) دىكى دۆڭلۈككە قۇرۇلغان 3 مىڭچە ئۇيغۇر ئەرلەر قامالغان لاگېرىدا 6 ئاي، ئارقىدىن 2017-يىلى 9-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەنە ئىككى ئايچە ئۈرۈمچى تۇگۇڭغا جايلاشقان «ياشانغانلار ساناتورىيەسى» دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان 10 مىڭچە، پەقەتلا ئۇيغۇر ئاياللار قامالغان لاگېردا تۇتقۇنلارغا خىتاي تىلى ۋە قىزىل ناخشىلارنى ئۆگىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇ 2019-يىلى 10-ئايدا داۋالىنىش باھانىسىدە ئېرى ۋە قېرىنداشلىرىنى كېپىللىككە قويۇپ گوللاندىيەدىكى قىزىنىڭ يېنىغا كەلگەن. ئۇ بىر يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى رەھىمسىزلىك، چەكتىن ئاشقان زوراۋانلىق، خورلاش، قىيىن-قىستاقلارغا ئايلاپ شاھىت بولۇش جەريانىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ كەلمەكتە، ئۇ شۇنداقلا تۇنجى قېتىم يۈزى ۋە ھەقىقىي سالاھىيىتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانىدى.
قەلبىنۇر لاگېرلاردا كۆرگەن شاھىت بولغان ۋە ئاڭلىغانلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى، ئاتالمىش خىتاي تۇغقانلىرى تەرىپىدىن جىنسىي پاراكەندىچىلىكلەرگە ئۇچراش، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى BBC، CNN، رويتېرس قاتارلىق خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلارغا ئاڭلىتىپ، زور ئىنكاس قوزغىغانىدى.
قەلبىنۇر رادىيومىزغا يەنە، سابىق ئېرى تۇرسۇن ئىسمائىلنىڭ بۇ نۆۋەتمۇ يەنىلا ئاۋۋالقىدەك ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خاتىرجەم ياشىسۇن دەپ ئويلىسا، ئۇنىڭ گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ مائاشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھەتتا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە خالىغانچە بېرىپ-كېلىشىگىمۇ يول ئېچىلىدىغانلىقىنى پەش قىلغان. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا ئۆزىنىڭمۇ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىكەن.
«بۇلارنى ئاڭلاپ ئەنسىرىدىڭىزمۇ؟ ئىككىلەندىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا قەلبىنۇر، «ئەلۋەتتە ئۈزۈم ئۈچۈن ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئۈچۈن ئەندىشە قىلىمەن. ئەمما ئەمدى ئىككىلەنمەيمەن» دەپ دادىل جاۋاب قايتۇردى. ئۇ لاگېردا شاھىت بولغانلىرىنىڭ ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەس قىلغان بولسا، لاگېردىن چىققاندىن بۇيان ئۇچراپ كېلىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىت ياكى بېسىملارنىڭ ئۇنىڭ ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يەنىمۇ تاۋلىغانلىقى بىلدۈردى.
قەلبىنۇر تۇرسۇنغا قارشى ئۇنىڭ سابىق ئېرى سۆزلىتىلگەن ۋېدىئو ياكى خەۋەرنىڭ قاچان قايسى خىتاي تەشۋىقات ۋاستىسىدا تارقىتىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما قەلبىنۇر ئۆزىدىن ئىلگىرى لاگېرلار خىتاينىڭ زۇلۇمى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خىتاينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇلارغا قارشى سۆزلىتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىن، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەنىلا، يۇرتىدا قالغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملاردىن ئازاد قىلىش يولىدا ئىرادىسىدىن يانماي كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ، ئۆزىگە زور مەدەت ۋە كۈچ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.