مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.12.11
كاترىنا لانتوس خانىم: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ جىددىي مەسىلەتوم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى، دوكتور كاترىنا سىۋىت لانتوس خانىم.

خەلقئارا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش ۋە دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاۋازغا ئايلانغان دوكتور كاترىنا سۋىت لانتوس خانىم 2008-يىلىدىن ئېتىبارەن، توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسلىكىنى ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى كاترىنا خانىمنىڭ دادىسى سابىق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم لانتوس ئەپەندى بۇندىن 30 يىل ئاۋۋال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مۇھىم قانۇنلارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان كىشىدۇر. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، دوكتور كاترىنا خانىم دادىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئەقىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھىمايىچىسى بولۇشتەك بۇرچ ۋە ئەقىدىسى، ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغانلىقىدەك ئورتاق تەجرىبىسىدىن بارلىققا كەلگەن.

كاترىنا خانىم، رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك دوكتور كاترىنا لانتوس خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. سىز نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن كۈچلۈك دەلىللەر مەيدانغا چىققان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

كاترىنا لەنتوس: يالغۇز دەلىللەرگىلا ئاساسلىنىپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. ئۇلار مەيلى كۆلەم ياكى ۋاسىتە جەھەتتىن بولسۇن دۇنيانىڭ باشقا جايىدا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتتە. بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرى ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقىنىمىزغا بىر قانچە يىل بولدى. خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى مەيلى قانچە قاتتىق دەرىجىدە دەپسەندە قىلمىسۇن، خەلقئارا جەمئىيەتتە، داۋاملىق تۈردە جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلماقتا. ئۇ سودا ۋە باشقا ئىقتىسادىي مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئاسانلا دۇنيادىكى چىرىكلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىگە ئېرىشمەكتە. بولۇپمۇ ئاساسلىق مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇشلارغا سۈكۈت قىلىشى مېنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ.

مىليونلىغان ئادەمنى كوللېكتىپ جازالاش، باسقۇنچىلىق، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ۋەيران قىلىدىغان قەبىھ ئۇسۇللار دۇنيانى قاتتىق چۆچۈتۈشى ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىشى كېرەك ئىدى.

ھالبۇكى بۇلارغا خىتاي سەۋەب بولغىنىدا دۇنيانىڭ ئاساسەن سۈكۈتتە تۇرۇشى قورقۇنچلۇق بىر ئىش. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دۇنيا بۇ مەسىلىدە چوقۇم بىر يەرگە كېلىدۇ ۋە خىتاينى «بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى» سۈپىتىدە شەرمەندە قىلىدۇ. بىز خىتاينىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكىنى ئۆز پېتىچە ئاتىشىمىز كېرەك، بۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، بۇ «دىنىي باستۇرۇش»، بۇ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، خىتاينىڭ قوللانغان ۋەھشىي ۋاسىتىلىرىنىڭ بەزىلىرى خەلقئارادا بېكىتىلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دىكى ئېنىقلىمىغا چۈشىدۇ. تىزىملىكى شەرمەندە قىلغۇدەك بۇ جىنايەتلەر ھەممىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قارشى جىنايەت پاكىتقا ئاساسلانغان.

مۇخبىر: كاترىنا خانىم، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغىنىمىزدا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاياللىرى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي نىكاھ، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قەبىھ سىياسەتلەرنىڭ قۇربانى بولماقتا. سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى تۆلەۋاتقان ئېغىر بەدەللەرگە بولغان ئەڭ كۈچلۈك ئەندىشىڭىز نېمە؟

دوكتور كاترىنا: ھۆججەتلىك ئىسپات ۋە دوكلاتلاردىن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ۋە دەھشەتلىك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۇيغۇر ئاياللىرى باسقۇنچىلىق، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بالىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا قاتتىق جازالاندى، بەزىلىرى خىتاي ئەرگە توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇلاردىن خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇنداقلا بالىلارنى ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بىز ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسىغا دۇچ كەلدۇق ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ، تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتە قوللىنىدىغان ۋاقتى كەلدى دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: كاترىنا خانىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇنىنى ئىمزالىدى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى، سىزنىڭچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتا قانچىلىك رول ئوينىيالايدۇ؟

دوكتور كاترىنا: بىلگىنىمىزدەك، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى، بۇ يىلى تېخى يېقىندا ماقۇللاندى. ئۇ گەرچە مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلانسىمۇ، ئاكتىپ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغان ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا تەتبىقلىنىشى شەرت. خىتاي ھەممىدىن تەنقىدكە ئۇچراشتىن قورقىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلغان دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈچۈن چوقۇم قاتتىق ئەيىبلەش، ماگنىتىسكي قانۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالاش كېرەك. ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى كەڭ قوللىنىشنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار دەپ قارايمەن، چۈنكى بۇ باستۇرۇشتا بىۋاسىتە قولى بار نۇرغۇنلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى بالىلىرىنى ئامېرىكادا ئوقۇتۇشقا، پۇللىرىنى چەتئەل بانكىلىرىدا ساقلاشقا، خوتۇن بالىلىرى بىلەن ساياھەت قىلىشقا ئامراق. بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارغا بەلگىلىك چەك قويغىلى بولىدۇ.

مەن شۇنىڭدىن ئۈمىدلىكمەنكى، بىز كامالە خارستىن ئىبارەت ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال مۇئاۋىن پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرماقتىمىز. مەن باشلىق باشقا كىشىلىك ھوقۇق لىدېرلىرى بىرلىكتە مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان بۇ ۋەھشىيانە مۇئامىلىنى كامالاغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. كامالا خارس ئايال زاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان بۇ ۋەھشىلىكىگە خاتىمە بېرىشتە تېخىمۇ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىدىن ئىشەنچىم كامىل.

مۇخبىر: بىلگىنىڭىزدەك پۈتۈن ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ بىر ۋەزىيەتتە ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ جىسمى، روھى، ئائىلىسى، بالىلىرى. . . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغاندىن سىرت، ھەتتا ھازىرقى زاماندىكى قۇللۇق ئەمگىكىگە مەجبۇرىلانماقتا. دۇنيادىكى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوق، بۇ مەسىلىگە دىققەت قوزغاش قانچىلىك مۇھىم دەپ قارايسىز؟

دوكتور كاترىنا: ئەلۋەتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم مەسىلە، شۇنداقلا دەل بۇنىڭ ئۆزى خىتاينى ئاجىز تەرىپىدىن ئۇرۇشتا بىز ئۈچۈن كۈچلۈك قورال بولالايدۇ.

يەنى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن ھەر قانداق شىركەتنىڭ ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ ئامېرىكا خەلقئارا پاي چەك بازىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئاساسلىق خىتاي شىركەتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك، بىز خىتاينى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىر ئىقتىسادىي بەدەل ئارقىلىق تۈلىتىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك. بىز يەنە مىليونلىغان خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالغۇچىلارنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزدىن خەۋەردار قىلىشىمىز زۆرۈر.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشتەك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇنى توختىتىشتا مەن ئالمىشىش ئالدىدىكى ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە پىرېزدېنتنىڭ يەنىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر قوللىنىدىغانلىقىغا ئۈمىدلىك قارايمەن. ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلىگۈم بار، مەن ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر سۆيگۈمنى، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمەن.

توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى جەمئىيىتى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىش ۋە تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا سىياسەت قارارلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقىتىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى باشلامچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ جازالىشى، مىسلىسىز بەدەللەرگە قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەشكەنلىكى ئۈچۈن 2015-يىلى مەزكۇر مۇكاپات بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەنىدى.