مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە شەھرىزات
2020.11.12
jumhuriyet-bayraq-washingtonئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» چىقىرىش مۇراسىمىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى. 2020-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدۇر. 2020-يىلى ئامېرىكادىكى زور سايلامنىڭ شاۋقۇنلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلاۋاتقاندا 12-نويابىر كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا يېقىن شتاتلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتتىق يامغۇرغا قارىماستىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلاندى. ماسكا تاقىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىرىدىكى سانجاق-سانجاق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتراپىدىكى كەڭ دائىرىنى پۈتۈنلەي كۆك رەڭگە بويىغان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتى نامايىشنىڭ سۈلكىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانىدى. چوڭ پلاكاتقا يېزىلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرەيلى!»، «ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختات!»، «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق» دېگەندەك شوئارلار يىراقتىنلا كۆزگە چېلىقاتتى.

ۋەتەن شېھىتلىرى ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن مەلىكە ئۆزىنىڭ بالىلارغا خاس چۈچۈك تىلى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى» نى يادقا ئوقۇپ بەردى.

شۇنىڭدىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى» نىڭ فورمىسىدا كىيىنگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئۈچەيلەن قەدەملەپ مارش دەسسىگەنچە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا تىكلەنگەن بايراق خادىسى يېنىغا كېلىپ توختىدى. ئارقىدىن ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان ھەمدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى مەيداننى لەرزىگە كەلتۈرگەن «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى» غا جۆر بولغان ھالدا سالام بىلەن «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى بايراق خادىسىغا چىقاردى.

ئورۇن جەھەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى خىتاي قىزىل بايرىقى ئېسىلغان بايراق خادىسىغا ئۇدۇل كېلىدىغان جايغا تىكلەنگەن بايراق خادىسىغا يامغۇر ئارىلاش شامالدا يەلپۈنۈپ چىقىۋاتقان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق خىتاي بايرىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانىدى. مەيداننى چۆرىدەپ توپلانغان ئۇيغۇر جامائىتى بۇ مەنزىرىدىن ھاياجانغا چۆمدى، شۇنداقلا بۇ ھال مەيداندىكى ھەممەيلەننىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. نۇرغۇنلىغان كۆزلەرگە ئىسسىق ياش ئولاشتى.

بۇ قېتىمقى جۇمھۇرىيەت بايرىمى خاتىرىسىنىڭ نۇتۇق باسقۇچىدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سېپىنىڭ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ ماڭىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نيو-يورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق پېشقەدەم ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئاكا سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن بۈگۈنكى پائالىيەتكە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلالمىغان بولسىمۇ، تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى يوللىدى. شۇنداقلا 1930-يىللاردىكى بالىلىق مەزگىلىدە يادلىغان ئىنقىلابىي غەزەللەرنى ئوقۇپ بېرىپ، جامائەتنى خۇرسەن قىلدى.

يىللاردىن بۇيان ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىممۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ سەپكە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوشۇلۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىگە ئالاھىدە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئۆز سۆزىدە بۇنىڭدىن 76 يىل ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇش ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىدىن ۋاز كەچكەن ئەجدادلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش ھەمدە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاشۇ خىل پىداكارلىقنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئ‍ۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ پروگرامما خادىمى مەكس گېلبېر بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بەكمۇ ھاياجانغا تولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ۋىرجىنىيە شتاتى مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەركىزى. يەنە كېلىپ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەڭ كۆپ ماكانلاشقان رايونمۇ مۇشۇ يەر. شۇڭا مۇشۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىسىگە يىغىلىپ، بۇ بايرامنى قۇتلىشى بۇ تارىخىي رېئاللىقنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق جانلىق دەرس بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قانداق ئىشلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلاتقىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكا خەلقى يانمۇ-يان ھالدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر كۈننى بىز ‹ئۇيغۇر-ئامېرىكا دوستلۇق كۈنى› دەپ ئاتاشنى ئەڭ مۇۋاپىق كۆرىمىز.»

ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن خۇرشىدە خانىممۇ ھەرقاچان بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ياشلارغا ۋەتەن ۋە خەلق سۆيگۈسىنى ھېس قىلدۇرۇش مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھاياجىنى ئۇنى بۇ جايغا ئېلىپ كەلگەن ئاتا-ئانىسىنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرگە داۋاملىق كېلىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خىل پائالىيەتنى تەشكىللەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت تۈگىگىچە توختىماي ياغقان يامغۇر جامائەتنى بىزار قىلىش ئورنىغا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى قۇتلۇق كۈنلەرگە بولغان ئۈمىدىگە يېڭى ئۈمىدلەرنى قوشتى. جۇمھۇرىيەت خاتىرىسىنىڭ خۇشاللىقى بولسا پائالىيەتتىن تارقىغان كىشىلەرگە ئەگىشىپ ھەممىلا تەرەپكە تارقىغاندەك بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شتاتلىق ھۆكۈمەتكە سۇنغان ھەر يىلى 12-نويابىرنى «ئۇيغۇر-ئامېرىكا دوستلۇق كۈنى» قىلىپ بېكىتىش ھەققىدىكى تەكلىپنىڭ تېزرەك ماقۇللىنىشىغا بولغان تىلەكلەر بۇ شاۋقۇنلارغا ئارىلىشىپ كەتكەنىدى.