مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.02.14
02142020-hepte-tor-maqalejpg.jpgھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە)

تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا يېقىنلاۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى

ئۇيغۇر دىيارىدا تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقاندا بۇ ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا يېقىنلاۋاتقانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتى. ئاتۇشتىكى مىرئادىل نۇرئەخمەت ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ يېقىندا كارانتىن قىلىش نامىدا لاگېرغا يېقىن بىر رايونغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بۇنى بىۋاسىتە دەلىللەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مىرئادىل يېقىندا تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارى دەپ قارىلىپ ئاتۇش شەھەرلىك سانائەت رايونىغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ ھازىر كارانتىن قىلىنىۋاتقان 6-رايون ئەمەلىيەتتە ئاتۇشتىكى لاگېرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر ۋاقتىنچە تېببىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىۋاتقان ئىكەن.

ھازىر ئاتۇش تەۋەسىدىكى مېھمانخانىلاردا كارانتىن قىلىنىۋاتقان كىشىلەر بەكلا كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى لاگېرلاردىن ۋاقتىنچە ئۆزگەرتىلگەن «كارانتىن نۇقتىلىرى» دا تۇرماقتا ئىكەن.

ھەر ساھە زاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس ۋەھىمىسىدىن ئەندىشە قىلماقتا

خىتايدىن يامراۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىۋاتقاندا بۇنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلاردا تېخىمۇ زور پاجىئەلەرگە باھانە بولۇپ قېلىشى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىماقتا.

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاباسى تارقالغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، لاگېردىكىلەرنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىممۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋابا مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى «ئويۇنچۇق» قىلىشى مۇنازىرە قوزغىدى

پۈتۈن خىتاي ۋۇخەندىن تارقىلىۋاتقان ۋىرۇسنىڭ ۋەھىمىسىدە قالغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ دۇتار، تەمبۈر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىكىگە سېلىنىشى چاقچاق ۋە مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن تېببىي قوشۇندىكى ئۇيغۇر دوختۇر-سېسترالارنى «بىمارلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاش» نامىدا كېسەللەرگە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشقا سېلىشى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر تارقالدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» ۋە «ئەسەبىي» دېگەن نامدا باستۇرۇشى ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇتلا ئۇيغۇرلارنى ۋىرۇسقا قارشى تەشۋىقاتنىڭ بىر تۈرلۈك ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشىنى بەزىلەر ئەيىبلىسە، يەنە بەزىلەر تېببىي نۇقتىدىن توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللا ئارىشنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسەتتى

گېرمانىيەنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئابدۇللا ئارىشنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زۇلۇمنى باشقا بىر تەرەپتىن يورۇتۇپ بەردى.

2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئۈرۈمچىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا دائىر كومپيۇتېر يۇمتاللىرىنى ئىشلەش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

نۆۋەتتە ئابدۇللا ئارىشنىڭ «قايتا تەربىيە» ئېلىش ئۈچۈن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تېخىچە قاماقتا تۇرماقتا ئىكەن.

مايك پومپيونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى زور دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ ھازىر ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلدى.

خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىخانىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ بۇنى «خىتايغا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى.

مايك پومپېيونىڭ بۇ سۆزلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يەنە بىر ياقتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە بىۋاسىتە قىلىنغان چاقىرىق، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» ئۆتكۈزدى

5-فېۋرال كۈنى ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» ئۆتكۈزۈلۈپ، 1997-يىلىدىكى غۇلجا «5-فېۋرال ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلار ئەسلەندى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر يىغىندا سۆز قىلىپ ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى ھەققىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ جىددىي ئويلىنىدىغان پەيتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقا بۇ يىغىندا شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئوقۇلۇش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە يەنە بىر قېتىم مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىلدى.