2020.02.05

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇ ۋە غەزەپتىن دېرەك بېرىدىغان كۈنلەردىن بىرنەچچىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىرى «5-فېۋرال پاجىئەسى»نىڭ ئاچچىق خاتىرىسىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنگەن ھەمدە شۇنى ئۈمىد قىلغان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھرىدىكى جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇققا قارىماستىن تىنچلىق شەكلىدە نامايىش تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقەللىي ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ تىنچلىق نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي قىسىملار ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇپ تاشلىدى. شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا قانچىلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قانچىلىك كىشىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپ خىل مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، نامايىشنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ شاھىدلارنىڭ بايانلىرىدىمۇ بارغانسېرى ئايدىڭلىشىپ ماڭماقتا.
ئەنە شۇنىڭدىن بۇيانقى 23 يىل مابەينىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ھەر يىلى 5-فېۋرال كۈنى خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدلەرنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە.
2020-يىلى 5-يانۋار كۈنىمۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ۋە «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدەتكەن ھالدا پايتەخت ۋاشىنگتون شەھرىگە جايلاشقان خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلاندى.
نامايىشچىلار سېپىدىكى «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتى» نىڭ رەئسى رابىيە قادىر خانىم نامايىشتىن ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاددىيلا بىر قېتىملىق نامايىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىش ئالدىدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن زۇبەيرە شەمسىدىن سۆز ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان شېھىدلەرنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە بايان قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!» دېگەندەك شوئارلارنى ئۈنلۈك توۋلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ يانماس ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى.
نامايىش مەيداندىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چوققىسىغا قادالغان قىزىل بايراق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان ھالدا شامالدا توختىماي لەپىلدىمەكتە ئىدى. نامايىش ئارىلىقىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ نامايىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قايتماس ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
5-فېۋرال كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ جىددىي باياناتلارنى ئېلان قىلدى. بۇ باياناتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۆتكەن 23 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشى بىلەن بۇ خىل باستۇرۇش ۋە تەقىبنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى يارىتىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.