مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.01.29
rushen-guwahliq.jpgئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «دىنىي زىيانكەشلىككە خاتىمە بېرىش» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم(ئالدىنقى رەت سولدىن ئۈچىنچى) گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2020-يىلى 28-يانۋار، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان شۇنداقلا ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ئارقا تىرەك بولۇشى بىلەن بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن 28-يانۋار كۈنى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارېن باس خانىم سۆز ئېلىپ، دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنىڭ ھازىر پۇقرالارنى جىنايى جازا ئۆلچىمى بويىچە جازالاشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كارېن خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى ئالاھىدە مىسال قاتارىدا تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنى ھاراق ئىچىشكە ۋە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى.

كومىتېت ئەزالىرىدىن پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسمۇ سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكى قىلمىشىنىڭ خىتاي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپلەپ سادىر قىلىۋاتقان قىلمىشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «كوممۇنىستلار خۇداغا ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. كوممۇنىستىك خىتاي شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى لاگېرغا قاماۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر يالغۇز شەخسلەرنىلا قاماپ قالماستىن، بەلكى يەنە كىشىلەرنى پۈتۈن ئائىلە بويىچە قاماققا ئېلىۋاتىدۇ. مىللەتلەر ھازىر دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھال دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە كېڭىيىۋاتىدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پۇقرالار ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەمئىي راسكىن ئەپەندىممۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ھازىر ئامېرىكا دىنىي زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى چەكلەشتە دۇنياغا ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرى بولۇۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ياردىمىنى ئېلىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ خىل زىيانكەشلىكنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى بىئارام قىلىۋاتقان زور مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ يەنە دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ خادىمى فرانسىسكو بېنكوسمو ئىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ھازىر خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ ئاسىيادىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقان ئىككى ئاساسىي دۆلەت ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بىردەك ئىسلام دىنىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قاراشتەك ئورتاق قاراشتا ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دەل مۇشۇ كاتېگورىيە بويىچە مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل لاگېرلارنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشى ھەققىدە بىۋاسىتە مەلۇمات بەرگەن بولسا، يېقىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋىدىيوغا چىقىرىلىپ ئۇنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، مۇشۇ يوسۇندا ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشتىكى بىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ يەنە بىرى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئىدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئاساسلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور ساندا لاگېرغا قامىلىشى، ئائىلىلەردىكى جۇدالىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلىنىشى، خىتاي كادىرلىرىنىڭ «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىيەت بوشلۇقىنى ئىگىلىۋېلىشى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاشكارا ھالدا قانۇنسىز قىلمىشقا مەنسۇپ قىلىپ قويۇلۇشى، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە كوممۇنىستىك ئىدىيە بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىخچام ۋە مېغىزلىق قىلىپ سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىزچىل لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دېيىش ئارقىلىق خەلقئارانى ئالداۋاتقانلىقىنى، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش لاگېرغا قامىلىپ بولغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق «تەربىيەلەش» كە ئېھتىياجى يوق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك بولغان بىرەر ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى، تارىختا كۆرۈلگەن «زور قىرغىنچىلىق» پاجىئەسىنىڭ 21-ئەسىردە يەنە بىر قېتىم كۆرۈلۈشىگە باھانە بولغۇدەك ھېچنەرسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە پالاتا ئەزالىرى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى. گۇۋاھچىلار بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ بايانلىرىغا مىسال ئالدى. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەردىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەسلىدە ئىنسانىيەتكە خاس بىباھا بايلىق ئىكەنلىكى، ھالبۇكى ھازىر نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ دەل مۇشۇ بايلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ خادىمى فرانسىسكو بېنكوسمې بىلەن سۆزلەشتۇق. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ئېغىر باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقاندا «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ بۇ ھەقتە قانداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن ئۆز يولىدىن قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. :

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارنى ھۆججەتلەشتۈرۈشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنە ئالساق بىز 2017-يىلىغۇ دەيمەن، (2018-يىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن ) ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىر دوكلات تەييارلىدۇق. بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايدىكى تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە يەنە بىرنەچچە دوكلات تەييارلاۋاتىمىز. بىز يەنە بىر قاتار جىددىي تەدبىر قوللىنىش مۇراجىئەتلىرىنى تارقاتتۇق. مەسىلەن ئالساق، يېقىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يولسىزلارچە تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى مۇراجىئەتنامە چىقاردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتىمىز. مەسىلەن، بۇ ھەقتىكى بۇ يىللىق دوكلاتىمىزدا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن ۋەكىللىك شەخسلەرنىڭ بىرى دەل بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى. بۇ ئائىلە ئەسلىدە مىسىردا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئاشۇ كىشى مىسىر دائىرىلىرى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى پەرزەنتى بولۇپ، بالىلارنىڭ بىرى ھازىرغىچە ئاتىسىنى كۆرۈپ باقمىغان. بىز دۇنيا مىقياسىدا مۇشۇ ئائىلىگە ئوخشاش پاجىئەگە يولۇققان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە توختىماستىن چاقىرىق يوللاۋاتىمىز ھەمدە ياردەم سوراۋاتىمىز. دېمەكچىمەنكى، بىز داۋاملىق پائالىيەتتە بولۇۋاتىمىز، ئەمما بىز قىلىدىغان ۋە قىلالايدىغان ئىشلار بەكمۇ جىق. مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى باشقا ھۆكۈمەتلەردىن بولسۇن بىزگە تۈرلۈك تەھدىتلەرنىڭ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ.»

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن يەنە بىر كىشى «ئامېرىكا ئىنسانپەرۋەرلىك جەمئىيىتى» نىڭ خادىمى رەيچېل دېيش ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ھەمدە ئىسلام دۇنياسى بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈت قىلىۋاتقاندا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ نېمىلەرنى قىلالىشى توغرىسىدا سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ ھەقتىكى چۇقانلارنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئەڭ مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خۇددى بۈگۈنكى يىغىندا كومىتېت ئەزالىرى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىشتىن توختىماسلىقىمىز لازىم. ھازىرقى بۇ زۇلۇملارنى تونۇپ يېتىشىمىز ھەمدە باشقا بىر جايدىكى ياكى مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى قاراپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا مەلۇم بىر جايدىكى ئۇلارغا قېرىنداش بولغان مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا يول قويماسلىقىمىز زۆرۈر ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائىتى ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ قويماسلىقى ھەمدە بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىشتىن توختاپ قالماسلىقى بەك مۇھىم. بۇ خىل سۆز قىلىش دۇنيا بويىچە ھەممىلا جايغا ئاڭلىنىدىغان دەرىجىدە بولۇشى لازىم. بۇنى يەنە دىنىي جامائەت، ئاتئىزىمچىلار، خرىستىئانلار، كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار دېگەندەك ھەممىلا ساھەگە ئاڭلىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ جامائەتنىڭ قايسىسىلا بولسۇن بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزىگە چۇشلۇق رول ئويناش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ دىنىي جامائەتكە مەنسۇپ ياكى ئاتىئىزىمچى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتلىق شارائىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىش-ئىنسانىيلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. نېمىشقا دېگەندە ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىززەت تۇيغۇسى بولىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز پەيدا قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇشۇ زور جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى بىز ئۆزىمىز ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يالغان-ياۋداقلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى گاڭگىراشقا مۇپتىلا قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى رېئاللىقتىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقىۋېتىشىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشنىڭ بەكمۇ ساددىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن بايانلار ئاقساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت ئىشلىرىنى بەلگىلىشىدە مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىكەن.