2020.01.21

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېرلارغا سولانغانلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ يېقىنلىرى سۆزلىتىلگەن تەشۋىقات ۋىدېيولىرىنى كۆپلەپ تارقاتماقتا.
20-يانۋار كۈنى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» يەنە شۇ خىل ۋىدىيودىن بىرنى تارقاتتى. بۇ ۋىدىيودا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى، كېلىنلىرى ۋە شۇنداقلا ئاچىسى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قارشى قىلغان سۆزلىرى قويۇلغان.
مەزكۇر ۋىدىيودا يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ جىيەنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاينىڭ دادىسىمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قۇززات ئالتاي ئىككى يىلدىن بېرى دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ۋىدىيودا قۇززات ئالتاينىڭ دادىسى، يەنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىنىسى مەمەت قادىر ئوغلى قۇززات ئالتاينىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلەشكە سېلىنغان.
ۋىدىيو تارقىتىلغاندىن كېيىن قۇززات ئالتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇ ۋىدىيوغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتقان دادىسى مەمەت قادىرنى ساق-سالامەت كۆرگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ ئويۇنىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى ۋىدىيولارنى كۆپلەپ تارقىتىپ، چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى لۇئىسا لىم ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇنداق ۋىدىيولاردا سۆزلىتىلگەن كىشىلەرنىڭ شۈبھىسىزكى «مەجبۇرلاش، تەھدىت قىلىش» ئاساسىدا سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «يېقىندىن بۇيان نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ۋە باشقا ئاخباراتلاردا كىشىلەرنىڭ لاگېردىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىپ مۇشۇنداق ۋىدىيولاردا سۆزلەشكە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى» دېگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇ ۋىدىيولارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت خىتاينىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چارىسىز قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلاردىن خەۋەر تېپىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا ئۇلار بۇنىڭغا مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى تارقىتىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.
ماگنۇس فىسكەسيۆ يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلەشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ «بۇنداق ۋىدىيولاردا سۆزلەش ئۈچۈن تاللانغان كىشىلەرنىڭ سۆزلىمەي ئامالى يوق. چۈنكى ئۇلار سۆزلەشنى رەت قىلغان تەقدىردە، لاگېرغا ياكى تۈرمىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قاناتمۇ خىتاينىڭ يۇقىرىدىكىدەك ۋىدىيولۇق تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە بۇنداق ۋىدىيولارنىڭ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى، تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنداق ۋىدىيولارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قۇززات ئالتاي بولسا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئىنكاسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇنداق ۋىدىيولارنى تارقىتىشىنى «چەتئەللەردە بولۇۋاتقان پائالىيەتلەر ئېرىشكەن مۇھىم نەتىجە» دەپ كۆرسەتتى.