مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.01.14
ayxan-memet-ana-dolqun-eysa.jpgد ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دادىسى ئەيسا مەمەت بىلەن مەرھۇم ئانىسى ئايخان مەمەت. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس) ئەيسا مەمەت ئەپەندى ھازىر 95 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.

10-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» تەرىپىدىن «شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئەيىبلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە فوندى» نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 10-يانۋار يەكشەنبە كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر-ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى گۈلى ئابلىم ئاخباراتچىلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە مۇخبىرلارغا دولقۇن ئەيسا ۋە رابىيە قادىرلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» خەۋىرىدە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئاچىسى ئارزۇگۈل ئىنىسىنى ئەيىبلەپ: «بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز قېرىلىقتىن ۋە كېسەللىكتىن ئۆلۈپ كەتكەن، بىراق مېنىڭ ئىنىم ئۇنى چەتئەلدە تۇرۇپ شىنجاڭنى قارىلاش ئۈچۈن قوللىنىپتۇ» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئانىسىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى خەلقئارا ئاخباراتلاردىن ئۇققانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن بىر ئۇچۇرلىقىنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ پەقەت ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما دادىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. بىراق، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دىن ئورۇن ئالغان ئاچىسىنىڭ سۆزىدە «ئاتا-ئانىمىز قېرىلىقتىن ۋە كېسەللىكتىن ئۆلۈپ كەتتى» دېيىلىشى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان.

ئۇ، «ھازىرقىدەك بىر دەۋردە مەن دادامنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنىمۇ بىلەلمەي، ئۇنى خىتاينىڭ گېزىتىدىن ئاڭلاۋاتىمەن» دېدى. دولقۇن ئەيسا «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى مېنىڭ دادامنىڭ قاچان ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىسۇن» دېدى.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» رابىيە قادىر خانىم ۋە دولقۇن ئەيسالارغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغان بۇ ماقالىسىدىن كېيىن گەرچە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسى كۆرسىتىلگەن ۋىدىيونى تىۋىتتىر ئارقىلىق چەتئەللەرگە تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئاچىسى ئارزۇگۈل دولقۇننىڭ يۇقىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەندەك سۆزنى قىلغانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيونى تارقاتمىغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھازىر ئاچىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتسۇن، دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ۋەقەدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قاراتقان قارىلاش ۋە تەھدىت خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى ۋە: «بۇنداق تەھدىتلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان داۋاسىغا توسالغۇ بولالمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى بولسا مۇشۇ خىلدىكى ۋىدىيولاردا سۆزلۈتىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەجبۇرىي سۆزلىتىش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.