مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.12.04
uyghur-bill-qanun.jpg

3-دېكابىر ۋاشىنگتون ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھەسى بولسا، ئاۋام پالاتاسىدا ئىلگىرى تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى قانۇن لايىھىسى» بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلۇپ بۇ نويابىردا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» بىرىكتۈرۈلگەن يېڭى قانۇن لايىھەسى ھېسابلىنىدۇ.

ئاۋاز نەتىجىسىنى نەق مەيداندا ھاياجان بىلەن كۆزىتىپ ئولتۇرغان ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي باشلىق ۋاشىنگتون ئەتراپى ۋە ۋىرجىنىيادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ئامېرىكالىق دوستلار بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە 40 مىنۇت ئەتراپىدا مۇنازىرە قىلىنىشى ۋە ئاخىرى بىرگە قارشى مۇتلەق ئاۋاز بىلەن ئۆتكەنلىكىگە شاھىت بولدى.

ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ زەپەر مىنۇتلىرىنى بىر بىرىنى قۇچاقلىشىپ، ھاياجان ياشلىرى بىلەن قۇتلۇقلىغان پەيتتە، تېلېۋىزور ئېكرانى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاۋاز نەتىجىسىنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ ئولتۇرغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ھاياجانلاندى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تارىخىي مىنۇتلارنى ئۆزئارا ھەمبەھىرلەشتى.

نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازدىن غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ باسقۇچقا كېلىشى ئاسان بولمىغانلىقى، بۇنىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ياشلىرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، تۈزىتىلىش ۋە ھازىرغىچە بولغان جەريانلىرى ھەمدە كەلگۈسىدە رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنگە قەدەر بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنى كونكرېت تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى:

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» S. 178 قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى، يەنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ يىل 11-سېنتەبىر كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتايغا جازا قوللىنىش جەھەتتىكى ۋە ئېكسپورتقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مەزمۇننى قوشۇپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇن لايىھە بۇرۇنقىسىدىن كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىدىن قايتا قاراپ چىقىلىپ بېلەت تاشلىنىشى كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، قانۇننىڭ ماقۇللىنىش جەريانى بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنگەن. شۇنداق بولغاندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن S. 178 قانۇن لايىھەسى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشىدەك باسقۇچلارنى قايتا بېسىشقا توغرا كەلگەن.

قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدىن زەپەر بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمدىلىكتە كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشىغا يوللىنىدۇ ۋە پرېزىدېنت ئىمزا قويغاندىن كېيىن رەسمىي قانۇن بولۇپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق دىپلوماتلاردىن تېموتي نېلسون ئەپەندى، «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىشەنچىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار› ئۇيغۇر 2019 ناملىق ‹S. 178 قانۇن لايىھەسىنىڭ ھازىرقى باسقۇچقا كېلىشىدە زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى دەپ قارايمەن. بۇنىڭدا يەنە ئامېرىكادىكى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەھدىتلىرىگە ئۇچرىشى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىپ تەھدىتتە قېلىشى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە يوقاپ كەتكەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللاردۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ھەقىقەت، بۇمۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارارغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. گەرچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ بۇ قانۇنغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈش تەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىرىزىسلار ھەققىدە ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدە قوزغالغان كۈچلۈك دىققەت، بولۇپمۇ يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ۋە دۇنيا يۈزىدىكى جامائەت پىكرىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولدى دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن كۈچلەندۈرۈلگەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، تېگىشلىك جازالارنى يۈرگۈزۈشكە ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ. خىتاينى مەزكۇر رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى لاگېردىكىلەرنىڭ سانى، خىتاينىڭ غايەت زور نازارەت سىستېمىسىدا قوللانغان تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى، تارقىلىشى، لاگېرنى قۇرۇشقا قاتناشقان، تەمىنلىگەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىشتا، ئۇيغۇرلارغا زۆرۈر ياردەملەرنى تەمىنلەش قاتارلىقلاردا رول ئوينايدۇ. شۇڭا بۇ قانۇن ئالدىمىزدا ئوخشاشلا كېڭەش پالاتاسىدىن توسالغۇسىز ماقۇللۇقتىن ئۆتىشى كېرەك دەپ قارايمەن».

ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم قانۇن لايىھىسى «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» S. 178 قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ماقۇللىنىشى ئۈچۈن، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى كۈچ چىقىرىشقا تەشكىللەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ۋەزىپە، يېقىندا قايتا سايلىنىپ چىققان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ۋە ئەزالىرىغا يۈكلەنگەن بىر جىددىي ۋەزىپە ھەم سىناق بولدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىدىن ئىبارەت زەپەرنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا، ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەجبۇرىيىتى دادىل ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.