2019.11.11
1933-يىلى ۋە 1944-يىلىنىڭ 12-نويابىر كۈنلىرى رەسمىي ھالدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ پەخىرلىك تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرىلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ھەمدە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2019-يىللىق ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە، مارىيلاند ۋە باشقا شىتاتلىرىدىن كەلگەن شۇنداقلا تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى 9-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تورى» نىڭ پائالىيەت زالىغا يەنە بىر قېتىم توپلاندى. مۇراسىم زالىنىڭ تۆرىدىكى سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە باراۋەر تىكلەنگەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايراقلىرى بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىغا ئالاھىدە مەزمۇن قوشقان ئىدى.
جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى باشلانغاندا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن ئىرادە جېلىل ۋە ئەرك جېلىل سەھنىگە چىقىپ يىغىن ئەھلىنى جۇمھۇرىيەت كۈنى بىلەن قۇتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلار مۇراسىم ئەھلىگە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ھەر دائىمقىدەك «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا مۇراسىم ئەھلى بىردەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مارشقا ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى رەئىسى قۇززات ئالتاي ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى شۇنداقلا سابىت داموللا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەرپا بولۇشىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى، بۇ يولدا ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزغان شېھىتلارنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى پائالىيەتتىن ھازىرقىدەك دۇنيانىڭ ھەممىلا جايىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە ئايلانغانلىقىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى،» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىللاردىن بۇيان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم سەھنىگە تەكلىپ قىلىنغاندا زالدىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ تاشقى جەھەتتە بارغانسېرى كۆپ قوللاشقا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بايراقدارلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى جاسارىتىگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سانسىزلىغان مەنالارغا تولغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىگە كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تۆتەيلەن ئەينى ۋاقىتتىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى» نىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن ھالدا سەھنىگە چىقىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستان ئارمىيە مارشى» نى ئورۇنلىغاندا كۆپچىلىك ئالقىش ياڭراتتى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نەبىجان تۇرسۇن سورۇن ئەھلىگە ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ھادىسىلەر، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن شائىر سەرۋى ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىگە بېغىشلاپ يازغان شېئىرىنى سورۇن ئەھلىگە ئوقۇپ بەرگەندە كۆپچىلىك چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.
تارىختىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ پېشۋالىرىدىن ئەلىخان تۆرە، خوجا نىياز ھاجى، سابىت داموللار قاتارلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن پەند-نەسىھەتلەر ئۇلارنىڭ ئۆز ھاياتىدىن چىقارغان يەكۈنلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇنتۇلماس ئىبرەت رولىنى ئوينىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن پارچىلار ئوقۇلدى.
ئارىلىقتا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ سەبىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۆگەنگەن ئۇسسۇل ماھارىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى كۈچلۈك تۈردە ئىشارە قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ «تۇغۇلغان كۈنى» ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس تورت زالغا ئېلىپ كىرىلگەندە كۆپچىلىك يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭراتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى رەئىسى قۇززات ئالتاي بۇ قېتىمقى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز تارىخى ۋە مىللىي روھى بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەشكە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان رابىيە قادىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەردىن ھەرقاچان يېڭى ئۈمىدكە تولىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە سۆزلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى يىللاردىن بۇيان بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەجبۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھالنىڭ ئاددىي مىساللىرىدىن بىرى قاتارىدا ئابدۇللىن ئاۋەكرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆز خىيالىدىن كەچكەنلەرنى رادىيومىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا ئۆز مىللىي كىملىكىنى بىلدۈرۈشتە زور ئىجابىي قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.