مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.30

2019‏-يىللىق «لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ لائۇرىيانتى ۋىليام بروۋدېر 27‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ «ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋىليام بروۋدېر رۇسىيەلىك ئادۋوكات سېرگېي ماگنېتىسكىينىڭ نامىدىكى «ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ 2012‏-يىلى دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ماقۇللىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. «يەر شارى ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالىشىدىكى ئۆتكۈر قورالى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

ۋىليام بروۋدېر مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاھىدە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي جازا لاگېرلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلىغىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارغا قىلغانلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. جازا لاگېرلىرى، قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى، قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش، تەن جازاسى، دېگەنلەر بۇنىڭ جۈملىسىدۇر. بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرگە تاشقىرىدىن ئېمبارگو قويمىغىچە، خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىن ئۆزگىرىشى بەك مۈشكۈل،» دېگەن.

مۇراسىمدا يەنە «لانتوس كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ رەئىسى كاترېنا لانتوس سۋېت خانىم، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر رايوندا دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق بىگۇناھ پۇقرالارنى خورلاش قىلمىشى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن كاترىنا لانتوس خانىم «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

«لانتوس كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىليام بروۋدېرنىڭ ناھەقچىلىككە قارشى ئادالەتنى ياقلاشتەك تەۋرەنمەس روھى، «ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشىدا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك 2019‏-يىللىق «لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ئۇنىڭغا لايىق كۆرۈلگەن. 27‏-سېنتەبىردىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت، جېيمىس مىكگوۋېرن ۋە سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف، رابىيە قادىر قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.