2019.09.10

بۇ يىل ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە ناخشىچى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن تۇغۇلغانلىقىغا 60 يىل بولغان خاتىرە يىلىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «تونۇلغان سەنئەتچى، شائىر، كومپوزىتور كۈرەش كۈسەننىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، قازاقىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ئايالى بەختىگۈل، ئىككى پەرزەنتى ۋە سىڭلىسى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بويىچە ئىستانبۇلدىكى تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى» ئوقۇدى.
خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى مەرھۇم كۈرەش كۈسەننى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى سۆزلىدى.
كېيىن تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەكتىپى ئوقۇغۇچىسى شۈكران قاسىم كۈرەش كۈسەننىڭ «ئاتلاندۇق» دېگەن ناخشىسىنى ئورۇنداپ بەردى. ئارقىدىن ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتىمىن ئەلا ئەپەندى، ياپونىيەدىن كەلگەن ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى قاتارلىقلار سۆزلەپ، مەرھۇم سەنئەتچى كۈرەش كۈسەنگە يۇقىرى باھا بەردى.
تونۇلغان سەنئەتچى، شائىر ۋە كومپوزىتور مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، سۆزىدە كۈرەش كۈسەننىڭ پىداكار، جەسۇر ناخشىلىرى ۋە شېئىرلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان قەھرىمان ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە كۈرەش كۈسەننىڭ ئايالى بەختىگۈل خانىم يولدىشى كۈرەش كۈسەننىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەلدىكى ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ئاتىغان ئەل ئوغلانى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
كۈرەش كۈسەننىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ سىياسىي ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان ئىجاد قىلغان «ئىستىقلال مارشى»، «ئۇر ئامېرىكا» ھەمدە «رابىيە قادىر» قاتارلىق ئىجادىي ناخشىلىرىدا مىللىي تۇيغۇ، لىرىكىلىق ئاھاڭ ھەمدە جەسۇر سىياسىي ئىسيانكار روھ جىپسىلاشقان ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر مېلودىيە شەكىللەنگەن. ئۇ ياۋروپا ئەللىرىدە كۆپ قېتىم كونسېرت بېرىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭ ئايالى بەختىگۈل خانىم خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە كۈرەش كۈسەن ئىشلەتكەن بارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە ئاۋاز ماتېرىياللىرىنىڭ شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزېيىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇم كۈرەش كۈسەننى خاتىرىلەش يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەسىپداشلىرى ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىنى سۆزلىگەندىن سىرت ئۇنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە كۈرەش كۈسەننىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» ناملىق كىتاب تارقىتىپ بېرىلدى. بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» ناملىق كىتابىنىڭ ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانلىقىنى ۋە كىتابتا مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ 1959-يىلى كۇچادا تۇغۇلۇپ 2006-يىلى شىۋېتسىيەدە ۋاپات بولغۇچە بولغان ۋاقىتتىكى ھاياتىنىڭ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
كۈرەش كۈسەن ئۇيغۇر دىيارى ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان سەنئەتكار بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەگە بارغاندىن كېيىن، ناخشىلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش بىلەن قالماي «غەرب شامىلى» نامىدا ژۇرنال چىقارغانىدى.