2019.08.01

ئامېرىكانىڭ تۆت يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمى 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق سايلامغا قاتنىشىدىغان دېموكراتلار ئامېرىكادىكى «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى» ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ھەققىدىكى 12 تۈرلۈك سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئال بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە خوڭ كوڭنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن بۇ سوئالغا يېڭى جېرسېي شتاتىنىڭ سېناتورى كوري بۇكىر، ئىندىيانا شتاتىنىڭ جەنۇبىي بەند شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى پىت بۇتتىجىج، مارىيلەند شتاتىنىڭ سابىق ۋەكىلى جون دەلېني، نيۇ-يورك شتاتىنىڭ سېناتورى كرستىن جلىبرەند، ماساچۇستىس شتاتىنىڭ ۋەكىلى سېس مولتون، ئوخايو شتاتىنىڭ ۋەكىلى تىم راين، ۋېرمونت شتاتىنىڭ سېناتورى بېرنىي سەندېرس ۋە پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ سابىق ۋەكىلى جوۋ سىستەك قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بەرگەن.
دېموكراتلارنىڭ يۇقىرىقى پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئىچىدە نيۇ-يورك ۋە ۋېرمونت شتاتىنىڭ سېناتورلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كۈچلۈك ئاۋاز چىقارغان. نيۇ-يورك شتاتىنىڭ سېناتورى كرستىن جلىبرەند ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىق ھەققىدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىلبۇر روسقا ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىرىنى خىتاي ۋە خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىشىغا چەكلىمە قويۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتتە ئوخشاش بولمىغان نىشاننى قوغلىشىشى كېرەك، مەسىلەن خىتاينىڭ پۇل ئوبوروت يالغانچىلىقلىرى، سودىدىكى ناتوغرا قىلمىشلىرى، ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە سانلىق-مەلۇماتلىرىنى نىشان قىلغان تور ئوغرىلىق قىلمىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. تارىخ بىزگە شۇنى ئۆگەتتىكى، ئەگەر بىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە كۆز يۇمساق مەڭگۈ روناق تاپالمايمىز. بىز ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغان ئاساستا كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارى بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۈچلۈك يوسۇندا ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكادىكى تونۇلغان سىياسەتچىلەردىن ۋېرمونت شتاتىنىڭ سېناتورى بېرنىي سەندېرسمۇ بار بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› پروگراممىسىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ پروگرامما يەنە بىر جەھەتتىن خوڭكوڭنىڭ ئەركىن دېموكراتىيە سىياسىتىنى ئاستا-ئاستا چىرىتىۋاتىدۇ،» دېگەن.
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە باھا بەرگەن دېموكراتلاردىن ئىندىيانا شتاتىدىكى جەنۇبىي بەند شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى پىت بۇتتىجەجمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان بېسىم سىياسىتى ۋە خوڭكوڭقا قاراتقان ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان باستۇرۇشلار بولسا بىر كەڭ كۆلەملىك، شىددەتلىك ۋە سىستېمىلىق رىقابەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئامېرىكانىڭ داڭلىق مەتبۇئاتلىرىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا ۋە سىياسىيونلارنىڭ ئېغىزىدا ئىزچىل تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ 2020-يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە تىلغا ئېلىنىشىدىن ھالقىپ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن يېڭى بىر يۈزلىنىش ھېسابلىنامدۇ؟ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجىۋىسكى ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ ئامېرىكادىكى سايلام مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم سەھنىگە قويۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى بىر ئىلگىرىلەشتۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن چىققاندا پەقەت تىبەت مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ھەق-ھوقۇق قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى. مېنىڭچە، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي تاشقى سىياسىتىدىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىۋاتقانلىنى كۆرسىتىدۇ.»
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇنداق چوڭ سەھنىدىكى مۇھىم تېما قاتارىدا تىزىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېرغا چاپلىغان ئۇچۇرىدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ 2020-يىلدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ بۇ سودا سۆھبىتىنى كەينىگە سۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۆزى بۇ سايلامدا سايلىنالماي قالسا خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى نۆۋەتلىك ‹يۇمشاقباش› ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى داۋاملىق كولدۇرلىتىپ، ئۆتكەن 30 يىلدىكىگە ئوخشاش ئامېرىكانى داۋاملىق قاقتى-سوقتى قىلىشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇنداقتا، بۇ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئىپادە بىلدۈرگەن دېموكرات كاندىداتلاردىن مەلۇم بىرى پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ قالسا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىگە قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان نۇقتىغا كەلگەن ۋاقىتتا دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىگە بەك چوڭ پەرق بولمايدىكەن.
ھېنرىي شاجىۋىسكىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «قارايدىغان بولساق ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى جورجى بوش رابىيە قادىر بىلەن ئاق سارايدا ۋە پراگادا كۆرۈشكەن. مېنىڭچە، ھازىر پرېزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان دېموكراتچى كاندىداتلار ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت ھەققىدە كەسكىن پىكىر يۈرگۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› گىمۇ ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئىمزا قويغان. ئەگەر بۇ قېتىم ئامېرىكادىكى دېموكراتلاردىن بىرى پرېزىدېنتلىققا سايلانسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى تېخىمۇ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا مەيلى جۇمھۇرىيەتچى ياكى دېموكراتچى سايلانسۇن، بۇ مەسىلە يەنىلا مۇھىم تېما سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.»