مۇخبىرىمىز ئەركىن
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى، نەۋرىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن 30 دەك كىشىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ بۇ چاقىرىقنامىغا دەرھال ئىمزا قويۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنغان.
چاقىرىقنامىدە، ئەگەر ئۇلارنىڭ خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان بىرەر خاتالىق سادىر قىلغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك ھەم قايىل قىلارلىق دەلىللەر بولمىسا، تۇتقۇندىكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دارىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى-ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، قاھار ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەدە-سىڭىللىرى ۋە ئىنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 ئائىلە ئەزاسى ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. چاقىرىقنامىدە، «رادىكاللىقنى تۈگىتىش مەركەزلىرى»، «سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرى» ياكى «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» دېگەن ناملاردىكى بۇ خىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ پۈتكۈل ئاپتونوم رايون مىقياسىدا قۇرۇلغانلىقى، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن تونۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
چاقىرىقنامىدە يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلىسى بىلەن قەرەللىك ۋە توسقۇنلۇقسىز كۆرۈشۈپ تۇرۇشى، خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىشىغا، تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. رابىيە قادىر خانىم 2005-يىلى ئامېرىكىغا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەندىن بېرى، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى.