مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.07.09
urumchi-weqesi-5-iyul-herbiy.jpg5-ئىيۇل نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن خىتاي ئەسكەرلىرى. 2009-يىلى 6-ئىيۇل.

7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل كۈنى كېچىسىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ 5-ئىيۇل كېچىدىن باشلاپ، قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ نامايىشقا قاتناشقانلارنى تۇتقۇن قىلىشى ھەمدە قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى دەسلەپكى مەلۇماتلار 5-ئىيۇل كۈنىنىڭ ئۆزىدە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە باشقا خەلقئارادىكى چوڭ تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ 26-ئىيۇن شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما ئۇ بۇ ۋەقەنى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان دېگەن ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارغا ھۇجۇم قىلغان. نۇربەكرى يەنە ئۈرۈمچى غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنكى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقى ۋە نامايىشتىن كېيىن كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

2009-يىلى 6-ئىيۇل كۈنىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، CNA، بىرلەشمە ئاگېنتلىق، رويتېرس، ب ب س ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەقەملەرنىڭ پەقەتلا دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. خەۋەرلەردە ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ يەنىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەرلەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى قامال قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، 6-ئىيۇل كۈنى بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىۋېلىنغان ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئاشكارىلانغان. چەتئەل خەۋەرلىرىدە نامايىش قىلغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ۋە بالىلىرى نامايىشقا قاتناشقان دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

CNA مۇخبىرىنىڭ 6-ئىيۇل خوڭكوڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت تەمىنلىگەن مەلۇماتى نەقىل ئېلىنىپ، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇشتا 150 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 900 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقى، 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ھەتتا ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا مەزكۇر قانلىق ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلار مەلۇم بولغان.

5-ئىيۇل نامايىش يۈز بېرىۋاتقاندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال 5-ئىيۇل كۈنىدىكى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «نامايىشقا ئۆزى بارمىغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇق (نەنمىن) ئەتراپىدىكى جايلار، خانتەڭرى مەسچىتى بىلەن رابىيە قادىر سودا سارىيى ئوتتۇرىسىدىكى جايلاردا نامايىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ خانىم يەنە زور كۆپچىلىكى ئوقۇغۇچىلار بولغان نامايىش رايونىنى ساقچىلارنىڭ قامال قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى نامايىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «نامايىش بولۇۋاتقاندا، يەنى سائەت 5 لەردە مەن جەنۇبىي قوۋۇقتىكى جۇڭگو بانكىسى يېنىدا ئىدىم. بانكا يېنىدا ئادەم بەكلا جىق، دۆڭكۆۋرۈكتىن نەنمىن (جەنۇبىي قوۋۇق) غىچە بولغان ئارىلىقنى ساقچىلار قورشىۋاپتۇ. ساقچىلار ھەم قوراللىق ساقچىلار بار ئىكەن، ئۇلار تولۇق قوراللىنىپتۇ، بېشىدا پولات قاپاقلىرىمۇ بار ئىكەن. بانكىنىڭ ئالدىدا بىرەيلەن نۇتۇق سۆزلەۋېتىپتۇ، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىۋېتىپتۇ، ۋارقىراشقان ئادەملەرمۇ جىق، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. ساقچىلار ئۇلارنى قاتمۇ-قات قورشىۋاپتۇ، بىز ئىچىگە كىرەلمىدۇق، يولدا كېتىۋاتسام بەزى قىز ئوقۇغۇچىلار گۇاڭدۇڭ شاۋگۇەندە بىزنىڭ نۇرغۇن ياشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، بۇنىڭغا چىدىغىلى بولاتتىمۇ دەپ يىغلىشىۋېتىپتۇ. 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن، ئۇ يەردە ئادەم بەكلا جىق،» دېگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى نامايىش ھەققىدە 5-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي خىتاي ساقچىسىمۇ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «دۆڭكۆۋرۈك 2-دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا توپىلاڭ يۈز بەردى. ئۇ يەردە ھازىر ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى، ئادەم يارىلىنىپ، ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇنى چوقۇم يامان نىيەتلىك ئادەملەر پىلانلاپ قىلغان بۆلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىپ 10 يىلدىن كېيىنمۇ چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەسلىمىلىرىنى فەيسبوك تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلاشماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن بەزىلەر يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەينى چاغدا ئۆزلىرى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق شەكلىدە باشلىغان نامايىشىنىڭ شۇ كېچىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى كېچىسى 2‏-دوختۇرخانىدا داۋالاشقا قاتناشقان تۇمارىس ئالماس خانىم ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، ئۆزلىرىگە پەقەت خىتاي يارىدارلارنىلا قۇتقۇزۇشقا رۇخسەت قىلىنىپ، ئۇيغۇر يارىدارلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى غۇلجىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە غۇلجىدىكى بىر شەھەر ئاھالىسى مۇخبىرنىڭ غۇلجا ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، غۇلجا شەھەر كوچىلىرىدا تولۇق قوراللانغان، پولات قالپاق كىيگەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكى، غۇلجا كوچىلىرىدا ساقچى ماشىنىلىرى ۋە برونېۋىكلار چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2009-يىل 5-ئىيۇل كۈنى قەشقەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە قەشقەر شەھىرىدىمۇ 5-ئىيۇل كۈنى 300 دىن ئارتۇق ئامما قەشقەرنىڭ ھېيتگاھ، گۈزە، خەلق مەيدانى قاتارلىق جايلارغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىش ناھايىتى تېزلىكتە باستۇرۇۋېتىلگەن. 6-ئىيۇلدىن باشلاپ قەشقەر شەھىرىدىمۇ ساقچىلار ئۆي-ئۆيگە كىرىپ، ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان.

2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقە ھەققىدە مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ رايونغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە 10 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 10 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى بارغانچە كۈچەيگەن ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رايوندا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل يۈزلىنىش ئەينى چاغدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قەتلىئامىغا نىسبەتەن خەلقئارانىڭ يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى سەۋەب بولغان دېيىش مۇمكىن.»

ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدە» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى سانلىرىدا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتلار داۋاملىق دىققىتىڭلارغا سۇنۇلىدۇ.