2019.06.28
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، G20 يىغىنى مەزگىلىدە رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ بىر رېئال ۋە جىددىي ۋەزىيەتتۇر،» دېگەن شۇنداقلا ئەگەر خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى شېرىكلىرى بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا جىددىي تەدبىر ئالمىسا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە «مەن ياۋروپادىكى خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىنىپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقلىرىنى توسۇشنى ۋە بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېگەن.
G20 يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ياپونىيە خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىپ، ئۇنىڭ مەزكۇر يىغىن جەريانىدا ياپونىيەدە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويغان ئىدى. «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «تەھدىت» دەپ قارىلىۋاتقان شۇنداقلا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇشى ئۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان.