مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.06.24
Share

qaharjan-qawul-lager-olgen-olum.jpg10 نەچچە يىللار ئىلگىرى تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغانلىقى ئۈچۈن بۇلتۇر 7-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 11‏-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردا جان ئۈزگەن قاھارجان قاۋۇل ئەپەندى ئائىلىسى بىلەن.

ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغان قاھارجان قاۋۇل بۇلتۇر 7-ئايدا ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 11‏-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردا جان ئۈزگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 41 ياشقا كىرگەن، ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان قاھارجان قاۋۇل دەسلەپتە تېلېفونىدىن «مەسىلە» چىقىپ تۇتقۇن قىلىنغان. سوراق جەريانىدا ئۇنىڭ تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قېيىن-قىستاققا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، فوندى جەمئىيەتنىڭ خادىملىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش داۋامىدا، جۈملىدىن چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش داۋامىدا ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى يەنە بىر قاھار ئىسىملىك كىشى، يەنى قاھارجان قاۋۇلنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. بىز بۇ ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئاقسۇدىكى ئالاقىدار سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. كۆپىنچە خادىملار بۇ ۋەقە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. خادىملاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرى ئەھۋالدىن ئاقسۇغا بېرىپ مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ تور بېتىدىكى مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 41 ياشلىق قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئەسلى كەسپى شوپۇر بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر 7 ‏-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، 11‏-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى، يەنى تېخى لاگېردىن قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپلا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئاقسۇدىكى ئالاقىدار خادىملار قاھارجان قاۋۇل ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. يەنە ئۇنىڭ نورمال ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىدى.

ساقچىلاردىن بىرى «تەربىيەلەش» تە جان ئۈزگەن قاھارجان قاۋۇلنىڭ قايسى تەۋەلىكنىڭ ئاھالىسى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ كاڭجۈ ئاھالىلەر كومىتېتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئاھالىلەردىن بىرى قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى ۋۇجوڭلۇ، يەنى 5‏-ئوتتۇرا مەكتەپ يولى ئۈستىگە جايلاشقان كاڭلى ئاھالىلەر كومىتېتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئىگەرچى يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى بولسا «تەربىيەلەش» تە تۈگەپ كەتكەن قاھارجان قاۋۇلنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىنىڭ بازارلىق ساقچىخانىغا قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بازارلىق ساقچىخانىدىكى بىر خادىم قاھارجان قاۋۇلنىڭ سىياسىيغا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇنىڭ سىياسىيغا قانداق چېتىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. خادىملاردىن بىرى قاھارجاننىڭ يەنە دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ خەۋىرىدە قاھارجان قاۋۇلنىڭ بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئانىسى ۋە ئاچىسىنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈشۈپ كەلگەنلىكى ۋە ئۆتكەن يىلى مۇشۇ سەۋەبلىك ئاقسۇدا تۇتۇلغانلىقى يېزىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى كاڭلى ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئاپتونوم رايونىدىن خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان بىر خادىم قاھارجان قاۋۇلنىڭ تېلېفونىدىن «مەسىلە» چىقىپ، يەنى نۇقتىلىق بىر ئائىلىگە تېلېفون قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاقسۇدىكى بىر دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلىدە لاگېردا جان ئۈزگەن قاھارجان قاۋۇل بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ساۋاقداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر خادىم قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئۆتكەن يىلى 7 ‏-ئايدا تېلېفون سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى، سوراق جەريانىدا تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بېرىشتەك ئاتالمىش «جىنايىتى» نىڭ پاش بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بازارلىق ساقچى خادىمىمۇ قاھارجان قاۋۇلنىڭ تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، قاھارجان قاۋۇل لاگېردا قېيىن-قىستاق سەۋەبلىك ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئالاقىدار خادىملار قاھارجان قاۋۇلنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق گەپ قىلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ لاگېردىن دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغانلىقىنى دەلىللىدى.