
ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. 6-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن بولغان «ھۆرىيەت مەيدانى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە يىغىلىش پائالىيىتىنى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى بىرلەشمە يىغىلىش پائالىيىتىگە ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كانادادىن كەلگەن يۈز نەچچە كىشىلىك ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى مەسچىتلەر ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئېلانىنى ئاڭلاپ ئالايىتەن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن چەتئەللىك مۇسۇلمانلار بىرلىكتە ئىشتىراك قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىلىش كىشىلەر دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، يىغىلىشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە خىلمۇ-خىل ئىرقتا بولۇشى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يېقىنلا جايدىكى بۇ مەيداندا مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا جۆر بولغان ئامېرىكا ۋە كانادا بايراقلىرى يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا ئىدى. يىغىلىش مەيدانىغا چۆرىدەپ تىزىلغان فوتو سۈرەتلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى رېئال كارتىنىسىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇناتتى. مۇنبەرگە ئېسىلغان «مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر غايىب بولدى: غايىب ئاتا-ئانىلار، قېرىنداشلار، ئاچا-سىڭىللار ۋە دوستلىرىمىز قەيەردە؟» دېگەن زور پىلاكات ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. يەنە كېلىپ ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ باھار مەزگىلىدە كەم كۆرۈلىدىغان ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارامبەخش ھاۋادا ئەتىيازلىق قۇياشمۇ بۈگۈنكى پائالىيەتنى ئالقىشلىغاندەك ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن سەپمەكتە ئىدى.
بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ رىياسەتچىسى، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت شېئىرى ۋە «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن ئوغۇزخان ئەسەت سەھنىگە چىقىپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا «شەرقىي تۈركىستان مارشى» ئورۇندالغاندا كىشىلەر يەنە بىر قېتىم قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئۆمەر قانات سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەقنى ياقلاش جاسارىتىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەچ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي پاجىئەنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھازىر «ئېتنىك تازىلاش»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئاتاۋاتقانلىقىنى، «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ قارالغان ئىرقىي تازىلاش قىلمىشىنىڭ 21-ئەسىردە يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزگە چىقتى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە لاگېرلاردا ئېزىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زور قىممىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئارقىدىن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئاخبارات ساھەسىگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرىنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ھۆرلۈككە چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر ئاۋانگارتى بولۇشقا چاقىردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەركىزىدە جەم بولۇشنىڭ بىر مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. (ئاۋاز قىسقا 10 سېكۇنت). شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم يوقالغانغا قەدەر ئۆز كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى، دەپ قارىغانلىكى كىشىلەرنىڭ قايسى ئېرىققا تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئادالەتنى ياقلىشىنى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر يولى نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تېگىشلىك بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىمام مالىك مۇجاھىدنىڭ سۆزلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى قاتتىق چەكتى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىۋەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى بەكمۇ زور قۇدرەت ساھىبى ھېسابلاپ دۇنيانى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيانىڭ كونتروللۇقى ئاللانىڭ ئىلىكىدە ئىكەنلىكىنى، خۇدانى ئىنكار قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭقۇر ساۋاقلارنى ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار غايەت زور پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا بايراقدار سىمۋولغا ئايلانغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى تىرىشچانلىقلىرىغا ھەمدەمدە بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن سىرت بالىلار، ئاياللار ۋە باشقا ساھەلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئىگە بولۇش لازىملىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېردىن ئازاد قىلىشتا ۋەزىپىلەرنىڭ بەكمۇ ئېغىرلىقىنى بايان قىلدى.
ئارىلىقتا بىز د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختىدە مۇشۇنداق بىر زور كۆلەملىك يىغىلىشنى تەشكىللەشتىكى سەۋەبلەر توغرىلىق سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەركىزىدە مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ئەمىلى ھەرىكەتكە دەۋەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيۇ، كىرىستوفېر سىمىس، جېيمىس مەكگوۋېرىن، توم سۇززى، جېننېفېر ۋېكستون، ئاندىي بار قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ باياناتلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ باياناتلار ئوقۇپ ئۆتۈلگەندە پائالىيەت ئۈچۈن توپلانغان كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ماھىيىتىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئىنسانلاردەك ھايات كەچۈرۈشىگە زەررىچىمۇ ئىمكان قالمىغانلىقىنى جانلىق مىساللار ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەردى، شۇنىڭدەك ياردەمسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا خەلقئارانىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئەركىنلىك مەيدانىدىكى بۇ يىغىلىشقا شاڭخەي مۇستەقىللىقى تەشكىلاتى، پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ياڭ جيەنلى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە فاشىزىم» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بۈگۈن مېنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىم بىر خىتاي بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئەمەس، مەن يەنە بىر ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم. باياتىن سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ سان ھازىر بىر يېرىم مىليونغا يەتتى. بۇ مۇنداقلا دەپ قويغان بىر سان ئەمەس. بۇ تىرىك ئىنسانلارنىڭ سانى. يەنە كېلىپ بۇلار يالغۇز تىرىك يۈرگەن ئىنسانلار بولۇپلا قالماستىن ئۆز نۆۋىتىدە ئاتا-ئانا، ئاكا-سىڭىل، ئوغۇل قىز پەرزەنت، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىدىكى كىشىلەردۇر. شۇڭا بۇ ئاددىيلا سان ئەمەس. بەلكى ئايگۈل، ئالىم دېگەندەك ئىسىملىرى بار بولغان جان ئىگىلىرى. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر قاماقتا. بىز بۇنداق رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايمىز. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلىرى فاشىزىمنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. بىر پارتىيە تۈزۈمى، يېگانە داھى، مۇتلەق كونتروللۇق، سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئاخباراتنىڭ كونترول قىلىنىشى، ئىچكى قىسىمدا مىللەتچىلىكنى قۇترىتىش، سان جەھەتتە ئازچىلىقنى تەشكىل قىلىدىغان مىللەتلەرنى يوقىتىش دېگەنلەر ئەينى ۋاقىتتىكى فاشىزىم بىر قېتىم قىلىپ باققان ئىشلار. يەنە كېلىپ بۇلار فاشىزىمنىڭ تىپىك بەلگىلىرى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى فاشىزىممۇ خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە قىلىۋاتقان خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلغان ئەمەس.»
بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ پائال ئىشتىراك قىلدى. لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن بەزى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي دادىسىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا نۆۋەتتىكى زور تۇتقۇننىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. فىرقەت جاۋدەت، ئالىيە جاۋدەت، مىنەم قاتارلىقلارمۇ ياشلارغا خاس پىداكارلىق بىلەن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى.
مېھرىگۈل تۇرسۇن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئەمدى ئۇيغۇرلارغا خىتايدىن قورقۇشنىڭ ھېچقانداق لازىمى قالمىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىنى، لاگېردىكى سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ دەردىمىزنى دۇنياغا يەتكۈزىدۇ» دەپ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن كانادا ئۇيغۇرلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن نەچچە ئاپتوبۇستا يۈز نەچچە ئۇيغۇرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ۋەتەندىكى باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى بۇ يولغا ماڭدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارغان بىرما ۋەزىپە كۈچلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن خانا زۇبەير خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، مۇسۇلمان ئەللىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقاندا مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاخبارات دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:
«بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى تەشكىلاتى 19 مۇسۇلمان تەشكىلاتىنىڭ ئىش بىرلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ تەشكىلات ئەينى ۋاقىتتا بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بىز ئاشۇ خىل كۆلەمدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن قاراپ تۇرالمىدۇق. شۇڭا بىرمىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئۆگەنگەن بارلىق ئۇسۇللىرىمىزنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدۇق. شۇڭا تور بېتىمىز، ئاخبارات ساھەسى بىلەن بولغان ئالاقىمىز دېگەنلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتىمىز.»
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم دىنىي گۇرۇھلار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىنىڭ زور بۆھرانغا دۇچ كېلىشى قاتارلىق تېمىلار بويىچە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ يىغىلىش ئارىلىقىدا پات-پاتلا ئاڭلىنىپ تۇرغان «ئامېرىكا، ئۇيقۇڭنى ئاچ!»، «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى!» دېگەندەك شوئارلار دۆلەت مەجلىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان مەيداننىڭ ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرمەكتە ئىدى.