
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان كوللېكتىپ قۇتلاپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم بايراملاردىن بولغان نورۇز بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2019-يىللىق نورۇز بايرىمىمۇ شۇ قاتاردا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالدىراشلىقىدا بىر قېتىم جەم بولۇپ، بۇ خاسىيەتلىك بايرامنى بىرلىكتە قۇتلاشنى نېسىپ قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشى بىلەن بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتى 23-مارت كۈنى كەچتە فايىرفاكس شەھىرىدىكى شېرۋۇد جامائەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنىڭ كەچ سائەت ئالتىدە باشلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، سائەت بەشتىلا مەركەزنىڭ زالى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستانە سالاملىرى، بالىلارنىڭ شوخلۇق ۋە خۇشاللىق ئارىلىشىپ كەتكەن چۇقانلىرى، خانىم-قىزلارنىڭ رەڭگارەڭ ئۇيغۇرچە كىيىملىرى بىلەن قويۇق بايراملىق تۈسكە ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مويسىپىتلىرى ۋە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى بولسا بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ سۆلىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى.
كۆپچىلىك تەقەززا بولغان نورۇزلۇق پائالىيەت رەسمىي باشلانغاندا ئادەتتە نەچچە يۈز كىشى بىمالال سىغىدىغان بۇ زالغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپلۈكىدىن بىر قىسىم كىشىلەرگە ئورۇن يېتىشمەي قالدى. بوش ئورۇن قالمىغانلىقتىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى ئىلاجسىز ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن، شۇنداقلا ئاق سارايدىن كەلگەن بىر قىسىم ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ مېھمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىدە ھەرقاچان كەم بولمايدىغان مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە راسلانغان «نورۇز ئېشى» بولسا ئۇيغۇرلۇق ھىدلىرى بىلەن ھەممىلا كىشىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولماقتا ئىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن ئەلپىدا ئېلتەبىر ۋە ئىرادە قەشقىرى سەھنىگە چىقىپ بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا پۈتۈن زالدىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. پائالىيەت دائىمقىدەك ئالدى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچقان ۋە ئۇلارغا يېڭى ھاياتلىق ماكانى بەخش ئەتكەن ئامېرىكانىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. فايىرفاكس شەھىرىدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئون ياشلىق ئوقۇغۇچىسى ئوغۇزخان ئەسەتنىڭ ئورۇنلىشىدا ئامېرىكانىڭ دۆلەت شېئىرى ئېيتىلغاندا پۈتۈن زالدىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن ھەمزە بارات «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» نى دېكلاماتسىيە قىلىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى ۋە ئانا يۇرتىغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەندە زالدىكى مېھمانلار بۇ شاكىچىككە يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭراتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممىلا جاينى قاپلىغان لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، مىللىي ۋە دىنىي كىملىك جەھەتتە ئەڭ چوڭقۇر ھالاكەتكە قىستاۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم يولىغا توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى جانلىق مىساللار بىلەن بايان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىردى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا يىللاردىن بېرى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنكىدەك پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ماتەمدار بولۇۋاتقان ھازىرقى پەيتتە مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر قانات، زۇبەيرە شەمشىدىن، روشەن ئابباس، سۈرەييە قەشقىرى قاتارلىقلار شۇنىڭدەك ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن، «ئۇيغۇر كارخانىچىلار تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك مىللىي كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە سۆز قىلدى. شۇنىڭدەك كۆپچىلىكنى 6-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زور كۆلەملىك نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئارىلىقتا بىز رابىيە قادىر خانىمنى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىدە ھېس قىلغانلىرى توغرىلىق سورىدۇق. بۈگۈنكى پائالىيەتكە كەلگەن ئادەم سانىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ھەرقانداق پائالىيەتتىكىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم بۇ ھالنىڭ يەنە بىر ياقتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئويغانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئالاھىدە مەزمۇن قوشقان يەنە بىر ئامىل «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بولدى. مۇھاجىرەتتىكى يات زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر سەبىلىرىنىڭ تاتلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل مېھمانلارنىڭ كۆڭۈل تارىنى يەنە بىر قېتىم چېكىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىدىن يارقىن بىر سەھىپىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەزىمەتلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «بىزنىڭ ناخشىمىز» ناملىق ناخشا ياڭرىغاندا مېھمانلارنىڭ كەيپىياتى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇيغۇر مۇزىكىسى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر روھى مۇجەسسەم بولغان بۇ ناخشا ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتماس ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىرنەچچە ئائىلىدىن ھازىرقىدەك نەچچە يۈزلىگەن كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ پائالىيەت قىلغۇدەك ھالغا كېلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىمۇ بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىدە ئالاھىدە ئەسلەندى. شۇ قاتاردا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدە ھازىرغىچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سابىق رەئىسلەر سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ ئۇلارغا گۈل سوۋغا قىلىنغاندا كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. سابىق رەئىسلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى پېشانىسىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ مۇھەببەت بىلەن سۆيۈشى نورۇز ئەھلىنىڭ يۈرەك تارىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق چەكتى.
پائالىيەت ئاخىرىدا بىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەننى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نورۇز بايرىمىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندا بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى مېھمانلار ئارىسىدا بىز ئامېرىكادا بەلگىلىك شۆھرەت قازانغان يازغۇچى ۋە كارخانىچى مارجېرىي شېئىر خانىمنى ئۇچراتتۇق. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىلىق سۆزلەشكىنىمىزدە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزلۇق پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇ قەدەر مول مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن بەكمۇ ھەيران ۋە خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ ئىسمىم مارجېرىي شېئىر بولىدۇ. بۈگۈنكى بۇ نورۇز تەبرىكىگە قاتناشقانلىقىمدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. مېنى ئۇيغۇر جامائىتىدىن بەزىلەر بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلدى. چۈنكى مەن بۇ يەردىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا يەرلەشكەندىن كېيىن ياخشىراق خىزمەت تېپىۋېلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارغا خالىس ھالدا ئىنگلىز تىلى ۋە ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى ھەققىدە دەرس بېرىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتى قالتىس ياخشى ئۆتتى. مەن بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە زوق ئالدىم. ئورۇنلانغان مۇزىكىلار، سۆزلەنگەن نۇتۇقلار، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ھۆسن ئۈستىگە ھۆسن قوشۇپتۇ. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ دەرىجىدە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشى مېنى بەكمۇ غەزەپلەندۈرۈۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈم يەھۇدىي، شۇڭلاشقا باشقا خەلقلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى زىنھار قايتا كۆرگۈم يوق. چۈنكى «خولۇكاست» (يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى) مەزگىلىدە بىز بۇ خىل زىيانكەشلىكنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇڭا مەن قولۇمدىن قانچىلىك كەلسە شۇنچىلىك قىلاي دەپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان بارچە خەلقلەر ئۈچۈن دەست تۇرۇشنى خالىدىم. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كاتتا بايرىمى بولغان نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن بەكمۇ خۇشال بولماقتىمەن. شۇڭا مەن بارغانلىكى يېرىمدە ھازىرقى بۇ زىيانكەشلىك ھەققىدە ھەمدە بۇنى قانداق قىلىپ توختاتقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەيمەن.»
پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى ئورۇنلىغان ئۇيغۇرچە ناخشىلار بىردەك ۋەتەن، مىللەت ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ئارمانلار بىلەن باغلانغان ئىدى. مېھمانلار 6-ئاپرېل كۈنىدىكى زور نامايىشتا ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىپ قىيالماسلىق ئىچىدە خوشلاشتى.