2019.01.28

غەرب ئەللىرىدىكى بىرقانچە تەشكىلات 28‏-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 2019‏-يىللىق نورۋېگىيە «رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ تەشكىلاتلار ئىلھام توختىنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتايدا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچ دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە كۆرسەتكەن پائال خىزمىتى» سەۋەبلىك بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن. بۇ قېتىم ئىلھام توختىنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قاتارلىق 3 تەشكىلات نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. ئۇلار ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغانغا دەل 5 يىل بولغان بىر ۋاقىتتا ئۇنى بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسەتتى. ئۇ 2014‏-يىلى 15‏-يانۋار قولغا ئېلىنغاندىن بېرى «باربارا گولدسمىس ئەركىن يېزىقچىلىق مۇكاپاتى»، «مارتېن ئېننالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق دۇنيادىكى بەزى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە 2016‏-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئەگەر ئىلھام توختى بۇ يىل رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسا ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 2‏-ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2004‏-يىلى تۈرمىدىكى ۋاقتىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

د ئۇ ق قاتارلىق يۇقىرىقى 3 تەشكىلاتنىڭ باياناتتا قەيت قىلىشىچە، «ئىلھام توختىنى رافتو مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۇنىڭ مەسىلىسىگە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئالغا سۈرىدىكەن». باياناتتا يەنە «شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ئىزچىل ناچارلىشىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتى تىنچلىق، چۈشىنىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. ئىلھام توختى 2014‏-يىلى يانۋاردا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى سېنتەبىردە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.