behrom-behram-hemroyef.jpgموسكۋا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا قاتناشقان، مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بەھرام ھەمرايېف ئەپەندى. 2018-يىلى 15-دېكابىر، رۇسىيە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەر دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا رۇسىيەدىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. يېقىندا رۇسىيەنىڭ «ناستوياشېيې ۋرېميا. ئازىيا» ئاخبارات تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئەنە شۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مەركىزىي ئاسىيا بويىچە يېڭىلىقلار ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان رۇسىيەدىكى تونۇلغان تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-دېكابىردا رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى مۇسا كازاكوف نامايىش ئۆتكەن يەردە بولۇپ قايتقان.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن موسكۋادا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشلار بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى يېپىشنى تەلەپ قىلدى».

موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شەرىف ئەخمەتوفمۇ بۇ نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1962-يىلى رۇسىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان. ھازىر ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ياشايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇغقانلارنىڭ كۆپى ئۆز ۋاقتىدا ئېتىلىپ كەتتى. ئاڭلىشىمچە، ھازىر ئۇلارنىڭ جىقلىرى تۈرمىدە يېتىپتۇ. ئۇلاردىن ھازىر بىرەر خەۋەر يوق. مەن ئاخىرقى قېتىم 2013-يىلى بارغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بېرىشقا رۇخسەت ئالالمىدىم. ھازىرقى ۋاقىتقا كەلسەك، ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان خىتاينى ئېتىراپ قىلمىغان. ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ھازىر موسكۋادىكى تۈركىي مىللەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتىدۇ. لېكىن ھۆكۈمەتلىرى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق خەۋەر بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇلار غەزەپلىنىپ، نامايىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. نامايىش بىلەن خىتاي توختاپ قالمايدۇ. قانچىلىك داۋاملىشىدۇ، ئۇنى ئۇقمايمىز».

مەزكۇر نامايىشقا چىققان تونۇلغان ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بەھرام ھەمرايېف ۋە توربەتچى بەھرام رەھمان نۆۋەتلىشىپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى سۆزلەر يېزىلغان ۋاراقچىلارنى ھەم ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ ۋاراقچىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي! يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ياپ! ئەركىنلىك ئىشىكلىرىنى ئاچ!»، «خىتايدىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يېپىشنى تەلەپ قىلىمىز!»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توربەتچى بەھرام رەھمان مۇنداق دېدى: «مەن تور ئارقىلىق رابىيە قادىرنىڭ سېنتەبىردە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. يېقىندا قازاقىستان خىتايغا نوتا ئەۋەتتى. قىرغىزلارمۇ يېقىندا نامايىشقا چىقتى. مەنمۇ چەتتە قاراپ تۇرماي دەپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇردۇم. مەن ئالدى بىلەن ھوقۇق قوغدىغۇچى بەھروم ھەمرايېف ۋە باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتىم. بۇ مۇنداق مەزمۇندىكى تۇنجى نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىرلىشىشى مۇمكىنمۇ دېگەن سوئالغا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بىز يېقىندا ببچ نىڭ ئۆزبېك خىزمىتى ئارقىلىق ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېفقا مۇراجىئەتنامە ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا تور ئارقىلىق 500 ئۆزبېك ئىمزا قويدى. بىز ئۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قېرىنداشلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇشنى سورىدۇق. مەن ئويلايمەنكى، خىتاينىڭ تۈركىي خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەشلىرى بىزنى بىرلەشتۈرىدۇ. مەن ئۆزۈم قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى تونۇش. مېنىڭ مومام ئۇيغۇر. ئۇ قەشقەردە تۇغۇلغان. ئەينى ۋاقىتلاردا رۇسلار ئوشنى بېسىۋالغاندا ئاتا-بوۋىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستانغا كەتكەن ئىكەن».

بىز ھوقۇق قوغدىغۇچى بەھروم ھەمرايېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە موسكۋا ھاكىمىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىلغان نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت سوراۋاتىمىز. ئۇ ياقتا مانا يۈز يىلدەك ۋاقىت بولدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل سەۋەب-باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئېزىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ مەقسەت بىلەن چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇ يەرلەردە ئاياللارمۇ، ئەر كىشىلەرمۇ چىدىغۇسىز شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. سان-ساناقسىز قىيناشلاردىن ئادەملەرمۇ ئۆلۈۋاتماقتا. ئۇيغۇر ئاھالىسىگە ھەر خىل قىسىملار كۆرسىتىلىپ، بۇ جىسمانىي يوقىتىشلارغىچە داۋام قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭغا قارشىلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ قارشىلىق ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بولۇشى لازىم. بىز تىنچلىق يولى بىلەن خىتايدىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تەقىبلەشلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي، دىنىي تەقىبلەشلىرىنى ئىقرار قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.»

بەھروم ھەمرايېف ئۆز سۆزىدە يەنە موسكۋادا ئۆتكەن يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى شەھەرلىك ئاھالىنىڭمۇ، ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭمۇ چۈشىنىش بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بولۇپمۇ مۇسۇلمان ياشلار ئارىسىدا تەشۋىق ئىشلىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر تەقدىرى چۈشەندۈرۈلمەكتە ئىكەن.

بەھروم ھەمرايېف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى خىتاي ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىكى توغرىلىق گەپ قىلغان بولسا، كېيىنرەك ‹تېررورچى› دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ‹تېررورچى› ۋە ‹دىنىي رادىكال ئۇنسۇر› دېگەن ئاتالغۇلارنىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىدى. لېكىن خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئەنە شۇ كۈچلەرگە قارشى كۈرەش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىزچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرى قانداق جازالىغان بولسا، ھازىرمۇ شۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. مەن ئۇ ياقتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن. ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقلارمۇ، قىرغىزلارمۇ، ئۆزبېكلەرمۇ جازالانماقتا. خىتاي ھازىر بۇ خەلقلەرنى بىردەك ئېزىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كۆپ ساندا ئازاب تارتىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھازىر پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا قارشى چىقىۋاتىدۇ دېگەن سۆز. بۇ كۈرەشتە مۇسۇلمان خەلقلەر بىرلىشىدۇ. بۇنى خىتاي كېلەچەكتە ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ بىلىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيە تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدىمۇ ئۆتكەن ئايدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇنى ئۇيۇشتۇرغان تاتار ياشلىرىنىڭ «ئازادلىق» ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رافىك كارىمۇللىن خىتاينىڭ قازان شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ قولىدا «خىتاي! مۇسۇلمان خەلقلەرنى، بىزنىڭ ئۇيغۇر، تاتار، قىرغىز، قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى قىرىشنى توختات! ئىنسان ھەقلىرىنى ساقلاشنى، «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى يېپىشنى، ئادەملەر ئۈستىدىن قىيناشلارنى ۋە خورلاشلارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز!» دېگەن ۋاراقنى كۆتۈرۈپ چىققان.

ئەمدى 15-دېكابىردا «ئازادلىق» راديوسىنىڭ تاتارىستاندىكى بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى رېگىنا خىساموۋانىڭ «قازاندا خىتايدىكى مۇسۇلمان ۋە تۈركىيلەرنى قوغداش نامايىشى بولىدۇ» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، 22-دېكابىر كۈنى قازاندا چوڭ نامايىش بولماقچى ئىكەن. ماقالىدا بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزۈشكە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن رەسمىي رۇخسەت ئېلىنغانلىقى ئېيتىلغان.