
خىتايدا دىنىي ھەقلەرنىڭ دەپسەندە بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولسىمۇ، 2016-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان بۇ دەپسەندىچىلىك تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر شوئارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان تەقىبلەش ۋە كونتروللۇق ئاللىقاچان «ئىدارە قىلىش» دائىرىسىدىن ھالقىپ، دىنىي ئېتىقادنى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇش ئەۋج ئالدى، خرىستىئان دىنى، بۇددىستلار، فالۇنگوڭچىلار قاتتىق تەقىبلەندى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىسلام ئېتىقادى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى باھانىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى.
مانا مۇشۇ جەھەتلەردە خەلقئارا جامائەتكە كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 28-نويابىر كۈنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىننى باستۇرۇش ھەرىكىتى» تېمىسىدىكى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو سۆز ئالدى. ئۇ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى قاتتىق باستۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ چىقىپ ئۇنى ھەرقايسى جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، ھازىر مۇشۇ تەدبىرلەر بويىچە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىزچىل ھالدا «دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتى ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەھدىت» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھەمدە دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئۆتكەن يىللارغا نەزەر سالغاندا خىتايدىكى دىنىي ئېتىقادقا بولغان مايىللىقنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا قارشى تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك 21-ئەسىردە كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەمدە مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قاماشتەك ۋەھشىيلىكنى قوبۇل قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى كەسكىنلىك ئىچىدە تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئارىسىدىكى مېھرىگۈل تۇرسۇننى ماختاش ئىچىدە تىلغا ئالدى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ شىجائىتىگە ئاپىرىن ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ماختاۋاتقان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ شاھىتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ جايلارنى ھەرگىزمۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ جايدىكى قاباھەتنىڭ ئەمەلىيەتتە نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس سۆز ئېلىپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن تەقىب ۋە باستۇرۇشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئاساسىدىكى دىپلوماتىيەسى ۋە خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۆلچەملىرى ئۈچۈن بىر چوڭ خىرىس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇنىڭ نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە زىيانكەشلىك قىلىشتا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى، ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولغان مېھرىگۈلنىڭ بۈگۈنكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن ئەمدى بۇ خىل ياۋۇزلۇققا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇ جايدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچىلارنىڭ بىرىنچىسى مېھرىگۈلگە سۆز بېرىلدى. ئۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە بېشىدىن كەچۈرگەن قاباھەتلىك كۈنلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى قىسقىچە سۆز لەپ ئۆتتى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن زۇبەيرە شەمشىدىن ئۇنىڭ يازما باياناتىنى ئوقۇپ بېرىش بىلەن مېھرىگۈلنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ يادىغا سالدى.
بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور سامانسا خوفمان ئىدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قانداق شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» ئارقىلىق دىنىي ئاممىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرى» قاتارىدا ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ بۇ خىل دىننى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش» دېگەندەك ئىبارىلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلماقتا ئىكەن. دوكتور سامانسانىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئامىللار بولۇپ، بۇنداق ئاجىزلىقلارغا تولۇپ تاشقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىكەن. ئەمما بۇ خىل مەغلۇبىيەت روياپقا چىقىپ بولغۇچە، سانسىزلىغان بىگۇناھ كىشىلەر بۇنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلەر دەل مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن.
خىتايدىكى دىننى باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچى يەنە بىر كىشى «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى توماس فار ئەپەندى ئىدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىسلام دىنى، تىبەت بۇددىزمى ۋە كاتولىك دىنىنى قانداق تەقىب قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سىستېمىلىق مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كاتولىك دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ ماھىيەتتە خىتايدا تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى دىنىي باستۇرۇشقا يول ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گۇۋاھلىقنىڭ ئاخىرىدا يىغىن مەسئۇللىرى گۇۋاھچىلاردىن تۈرلۈك تېمىلار بويىچە سوئاللار سورىدى. گۇۋاھچىلارمۇ تېگىشلىك يوسۇندا جاۋاب بەردى. كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە بەكرەك چۈشكىنى، مەيلى سوئاللاردا بولسۇن ياكى جاۋابلاردا بولسۇن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەرقاچان ئەڭ تىپىك مىسال قاتارىدا تەكىتلىنىپ تۇردى.
يىغىن ئارىلىقىدا بىز مەزكۇر كومىتېت رەئىسى ماركو رۇبىيودىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىننى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باش قوماندانى بولۇۋاتقان چېن چۇەنگونى جازالاش ھەققىدىكى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا «ئۆچ ئالىدىغانلىق» نى داۋراڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ خىل «ئۆچ ئېلىش» قا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن قىلچە قورقۇپمۇ قالمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھېچقاچان ئىنسان ھەقلىرىنى قۇربان قىلىش ھەمدە بۇ خىل «ئۆچ ئېلىش» تىن قورقۇش ئاساسىدا قارار قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ ئىشقا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە قوشنا شتاتلاردىن، شۇنىڭدەك چەتئەللەردىن بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى كېلىپ قاتناشتى. بىز يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمدىن بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا قانداق تەسىراتتا بولغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار مىسلىسىز ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەتتە دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيالىي تۇرسۇن تىلىۋالدىمۇ بار ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار ئېغىر پاجىئەلەرگە ئۇچراۋاتقاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىن، دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدسىزلىكتىن خالىي بولۇشى ھەمدە ئورتاق دۈشمەنگە قارىتا ئىدېئولوگىيە جەھەتتە پارچىلانماسلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنىڭ تولۇق خاتىرىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل خاتىرىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى بېكىتىشىدە مۇھىم ئاساس بولىدىكەن.