ablikim-baqi-ton-kiyguzush.jpgئەدىب ۋە جامائەت ئەربابى ئابلىكىم باقى ئېلتەبىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى يولىدا بېسىپ ئۆتكەن ھاياتىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، ئابلىكىم باقى ئېلتەبىر ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-نويابىر، ۋاشىنگتون.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا 1980-يىللاردىن باشلاپ ھەر ساھە كىشىلىرىگە تونۇلۇشقا باشلىغان ئەدىبلەرنىڭ بىر قىسمى ھازىر ئارىمىزدىن كەتكەن بولسا يەنە بىر قىسمى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدىمۇ قولىدىن قەلەمنى چۈشۈرمەي ئۆزىنىڭ زىيالىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ ئاز ساندىكى زىيالىيلارنىڭ بىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، ئۇيغۇر داۋاسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئەدىب ئابلىكىم باقى ئېلتەبىردۇر.

ئابلىكىم باقى ئېلتەبىر 1980-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتىدە بولۇپ، بىر مەزگىل بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن مەشغۇل بولغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە ئۇلارغا يادقا بولۇپ كەتكەن كۆپلىگەن بالىلار شېئىرلىرى ۋە مەسەللىرىنى ئېلان قىلغان. 1992-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ چىقىپ مۇھاجىرلىق ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان يېزىقچىلىق ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىغا خىزمەت قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. 2000-يىلى ئائىلىسى بويىچە ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان ھەمدە 2017-يىلى پېنسىيەگە چىققان.

ئەنە شۇنداق تۆھپىكار ئەدىب ۋە جامائەت ئەربابىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى ئەسلەپ چىقىش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەت-ئېھتىرامىنى يۈز تۇرانە ئىپادىلەش ئۈچۈن «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى» تەشكىللىگەن خاتىرىلەش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا مېھمانلار زالدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. مېھمانلارنىڭ بىر قىسمى ۋىرجىنىيە ۋە قوشنا شتاتلاردىن كەلگەن بولسا يەنە بىر قىسمى كالىفورنىيە، فلورىدا قاتارلىق يىراق شىتاتلاردىن كەلگەن ئىدى. يەنە بىر قىسىم مېھمانلار بولسا ياۋروپا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئىدى.

بۈگۈنكى پائالىيەت رىياسەتچىلىرىدىن ھاجى قۇتلۇق قادىرىدىن كېيىن گۈلچېھرە زالدىكى مېھمانلارغا ۋاكالىتەن ئابلىكىم باقىنى زالغا تەكلىپ قىلغاندا مېھمانلار كۈچلۈك ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۇنى تۆرگە باشلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن يىراق جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار قاتارىدا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەمتىمىن ئەلا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىلىم-ھېكمەتنى قەدىرلەپ كەلگەن بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلاردا ئۆز زىيالىيلىرىدىن ۋە ئالىملىرىدىن پەخىرلىنىش ئەنئەنىسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ بۈگۈنكى بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تەشكىل قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1980-يىللاردىن باشلاپ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرگەنلىكىنى، ئەنە شۇ قېتىملىق دولقۇنغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئابلىكىم باقى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

مېھمانلارنىڭ بىر قىسمى ئابلىكىم باقى ھەمدە ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ياخشى بىلسىمۇ يەنە خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ مەلۇماتلىق ئەمەسلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، زالدىكى مېھمانلار ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم قويۇپ بېرىلدى. بۇ فىلىمدا ئابلىكىم باقىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىن تارتىپ ئامېرىكىدا پېنسىيەگە چىققۇچە بولغان ھاياتى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ئارقىلىق ئىخچام بايان قىلىنغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە يېزىقچىلىق ساھەسىدىكى ئەمگەكلەر ئابلىكىم باقىنىڭ ئۆز زامانىسىدىلا مول ھوسۇللۇق بىر ئەدىب بولغانلىقىنى روشەن نامايان قىلغان ئىدى.

زالدىكى مېھمانلار قاتارىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنكى مۇشۇ سورۇندا سۆزگە چىقىپ، ئابلىكىم باقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا يول ئېچىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەردە بولغانلىقىنى، لازىملىق مەسلىھەتلەرنىمۇ ئايىمىغانلىقى، بۇنىڭغا ماس ھالدا 1980-يىللاردىن بۇيان ئۆزى باشلىغان ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مۇئەييەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئىشقا ئاشقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي روھ چۈشەنچىسىنى سىڭدۈرۈشتە شۇ ۋاقىتلاردا مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇنبەر ۋە سىنىپلاردىن پايدىلانغانلىقى مەلۇم. مېھمانلار قاتارىدا سۆز قىلغۇچىلاردىن بىرى، ئابلىكىم باقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولغان قۇتلۇق ئالماس ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ بىر قىسمىنى مۇئەللىمى ئابلىكىم باقىدىن ئالغانلىقىنى ئەسلەپ چىقتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا بۇ مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرگە كۆپلەپ ئورۇن بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارىلىقتا ئابلىكىم باقىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئانا تۇرسۇنگۈلنىڭ ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇپ، خىتاي تانكىلىرىنى ئارقىغا قايتىشقا مەجبۇرلاشتەك قەھرىمانە ھەرىكىتىگە بېغىشلاپ يازغان شېئىرى دېكلاماتسىيە قىلىنغاندا زالدىكىلەر چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمدى.

شۇنىڭدىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان، نەبىجان تۇرسۇن، مۇختەر چوڭ، تۇرسۇن تىلىۋالدى، روشەن ئابباس قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئابلىكىم باقىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇ قاتاردا ئابلىكىم باقىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشالمىغان كىشىلەردىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ھامۇتخان كۆكتۈرۈك، سېيىت تارانچى، ئابدۇجېلىل تۇران قاتارلىقلارنىڭ يىراقتىن يوللىغان ۋىدىيولۇق سالىمى يەتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىلىمگە ۋە زىيالىيلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشتەك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئابلىكىم باقىغا تون كىيگۈزۈش ۋە مېدال تەقدىم قىلىش بولدى. رابىيە قادىر خانىم ياڭراپ تۇرغان «شەرقىي تۈركىستان مارشى» ساداسى ئىچىدە ئابلىكىم باقىغا «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مېدالى» ھەدىيە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا زالدىكىلەر يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا چۆمدى.

ئارقىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئالغاچ كەلگەن توننى ئابلىكىم باقىغا كىيگۈزگەندە زالدىكىلەر يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

ئابلىكىم باقىمۇ شۇ قاتاردا سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ جامائەتكە بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ئۇتۇقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەڭ ئاخىرىدا كىچىكىدە ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ ئابلىكىم باقى ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارىدا شۇ ئائىلىدە چوڭ بولغان تۇرسۇن تىلىۋالدى كۆپچىلىكنى دۇئاغا دەۋەت قىلدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بىلدۈردى.