
رۇسىيەنىڭ «يېڭىلىقلار» ناملىق ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «رۇسىيەنىڭ مۇپتىلار كېڭىشى باشلىقى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازابلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىنكار قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ مۇپتىلار كېڭىشى باشلىقى راۋىل غەينۇددىن 10-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە باشلانغان دۇنيا ۋە ئەنئەنىۋى دىنلار لىدېرلىرىنىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە دىنىي كەمسىتىشلەرنى ئىنكار قىلغان.
مەزكۇر يىغىندا بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازابلىرى ھەققىدە كېلىپ چىقىۋاتقان مەلۇماتلارغا نىسبەتەن دۇنيا ۋە رۇسىيە مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى چۈشەندۈرۈشنى سورىغان. راۋىل غەينۇددىن مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «مەن خىتاي مۇسۇلمان جامائەسىنى بىلىمەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بىر نەچچە قېتىم بولۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بولدۇم. بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىدىغان خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسىنىڭ نۇتۇقلىرىدا، ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىمىزدا ۋە مۇزاكىرىلىرىمىزدە بىزگە بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىز شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداقتۇر-بىر كەمسىتىشكە ئۇچرىمايۋاتىدۇ».
راۋىل غەينۇددىن شۇنداقلا 2008-يىلى رۇسىيە ۋە خىتاي مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىق ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى، خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تاتار مىللىتىدىن كېلىپ چىققان رۇسىيەنىڭ باش مۇپىتىسىنىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا تۇتقان كەمسىتىش پوزىتسىيەسىنى ئىنكار قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. قازاقىستاندىكى «لىبېرتى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ يېتەكچىسى غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ھەر قانداق بىر مېھمانغا ئەينى ۋەزىيەتنى سۈنئىي ياساپ، ھەقىقەتنى بۇزۇپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ توغرا ئەمەس. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر خىل مۇسۇلمانلارنى تىڭشاش كېرەك. ھازىر ئازادلىق ۋە باشقىمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلىۋاتقان خەۋەرلەر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بېرىۋاتقان دوكلاتلار، رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرلىرى ھەم قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى، يېقىندا سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىلىق قىلغان بىلدۈرۈشلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىمۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشى رەئىسىنىڭ قىلغان بىلدۈرۈشىنى مەن بىر سىياسەت دەپ چۈشىنىمەن. ھەقىقەت دېگەن بىر. ئۇنى يوشۇرۇشقا بولمايدۇ. ھەتتا خىتاي كېيىنكى ۋاقىتتا ئەنە شۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى. دېمەك، خىتاي بىلەن بۇ يۆنىلىشتە مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، بۇ سىياسەتنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىش كېرەك. بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچ قانداق بىر تېررورچىلىققا مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى كەمسىتىدىغان لاگېرلارنىڭ بولماسلىقىنى چۈشەندۈرۈشى زورۇر ». غالىم ئاگېلېئۇئوف ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى زۇلۇمنىڭ كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتىدە راۋىل غەينۇددىنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمغانلىقىنى دۇرۇس ئەمەس دەپ ئېيتتى.
سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىن راۋىل غەينۇددىننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى تۇرۇپ، مۇنداق پىكىر قىلغان بولسا، دېمەك ئۇنى چۈشىنىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتايدا مۇسۇلمانلارنى تەقىبلەپ، سۈرگۈن قىلىۋاتسا، ئۇنىڭ مۇنداق پىكىر قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش. ھازىر خەلقئارادا بۇنىڭغا دىققەت قىلىنىپ، نارازىلىقلار بىلدۈرۈلۈۋاتىدۇ. دېمەك بۇ يەردە بىر سىر بار. بەزىدە بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال، مۇمكىن ئۇ خىتاي تەرەپنىڭ تەسىرىنى ئويلىدىمۇ، ياكى پايدىسىنى ئويلىدىمۇ. بۇنى بىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كېسىپ ئېيتالمايمەن. ئەمما مۇسۇلمانلارغا زۇلۇمنىڭ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى خىتاي ئۆزى ئۈچۈنمۇ ياخشىلىق ئەمەس. ئىلگىرى خىتاي جازا لاگېرلىرىنى يوشۇرغان بولسا، ئەمدى ھازىر ئۇلارنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قىلىۋاتىدۇ. ھەر ھالدا راۋىل غەينۇددىننىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقىي مۇسۇلمانغا ياراشمايدىغان ئەھۋال».
رۇسىيەنىڭ «ئىسلام نەۋس» ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەرگەن «مۇپتى غەينۇددىن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازابلىرىنى كۆرمەي قالدى» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بەزى ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ چېكىگە يەتكەن بىر دەۋرى دەپ باھالانغان ئىكەن. مۇنداق ئەھۋال پەقەت 1966- ۋە 1976-يىللاردىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىكەن.
سىياسەتشۇناس دوس كۆشىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەخسەن ئۆزىنىڭ مۇشۇ يىلى خىتايغا بېرىپ قايتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك مەخسۇس ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىنىڭمۇ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ قايتتۇق. كېيىنكى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۆزى سىياسىي لاگېرلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇ لاگېرلاردىكى ئىنتىزامنىڭمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غەينۇددىننىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدۇ. بىزنىڭ بېرىپ كۆرگەنلىرىمىز مەملىكىتىمىز ئالدىغىمۇ قويۇلدى. بۇ مەسىلىنى بىز خەلقئارادىمۇ قويدۇق. بۇ، ئەلۋەتتە، پاجىئەلىك ئەھۋال. پەقەت قازاقلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلىنىۋاتقان سىياسەتتۇر».
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەدى راۋىل غەينۇددىننىڭ پىكرىگە مۇنداق دەپ باھا بەردى: «بىرىنچى، رۇسىيە مۇپتىسى خىتاينىڭ دىنغا تۇتقان سىياسىتىدىن تامامەن خەۋەرسىز. ئىككىنچى، ھازىر ئېغىر بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى. بۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىش دائىرىسىدىكى بېيجىڭغا قىلغان بەلگىسى. ھەقىقىي مۇسۇلمان بولسا، ھەقىقىي مۇقەددەس قۇرئان تۇتقان بولسا، ئۇ كىشى مۇنداق دېمەيتتى، مىڭ ئەپسۇس».
لېكىن، رۇسىيەنىڭ «ئىدىل. رېئالى» رايونلۇق لايىھەسىدە ئېلان قىلىنغان رامىزان ئالپائۇتنىڭ «تاتارىستان مۇپتىسى خىتاي مۇسۇلمانلىرىنى ياقىلىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تاتارىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى رەئىسى كامىل سامىگۇللىن بېيجىڭنى دىنغا قارشى سىياسىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەملىكەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىگە سەلبىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بىز رۇسىيەدە ئۆز تارىخىمىزدىن ياخشى ساۋاقلارنى ئالغان ئىدۇق. يەنى دىنغا قارشى كۈرەش تۈزۈلمەس سەلبىي ئاقىۋەتلەرگە ئىگە. سۆزسىزكى، بىزنى خىتايدا شەكىللەنگەن ۋەزىيەت بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ بۇ بىزنىڭ قانداشلىرىمىزغا بىۋاسىتە باغلىق بولماقتا. » شۇنىڭ بىلەن بىرگە كامىل سامىگۇللىن مۇسۇلمانلارنى خىتايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشقا چاقىرغان.