2018.09.28

ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ۋەكىللەر 28‏-سېنتەبىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا جەم بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى چاقىردى.

مەزكۇر قۇرۇلتاي خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قاماپ، دۇنيانى چۆچۈتۈۋەتكەن، بۇ مەسىلە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق تېمىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى خەلقئارا ئورگان تېخىچە خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارشى بىرەر تەدبىر قوللانمىغان بىر مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىدى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى» ئوقۇلدى ۋە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارھەم خىتايىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلگەن قۇربانلارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى قاتناشقان قۇرۇلتايدا، «شەرقىي تۈركىستان» داۋاسىنىڭ ئەڭ ئېغىر باسقۇچقا كەلگەنلىكى، «شەرقىي تۈركىستان» خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر يوقىتىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ نىشانى دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى نۆۋەتتىكى ئېغىر كرىزىستىن قۇتقۇزۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىشكەن.

قۇرۇلتايدا رابىيە قادىر خانىم سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، «ھەر بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پىدائىيلارنى تەييارلاپ، گۇۋاھلىق بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇشىنى، بۇ ئارقىلىق دۇنيانى قوزغىشى» نى تەلەپ قىلدى.

بۇ قۇرۇلتاينىڭ قانداق كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى بېكىتىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر قۇرۇلتاي 3 كۈن داۋاملىشىپ، 1‏-ئۆكتەبىر ئاخىرلىشىدۇ.