
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى
مەكتۇپتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگودىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رولى بار دەپ، قارالغان 7 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى 9-ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى خۇ ليەنخې، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى سۈن جىنلوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، بىڭتۇەننىڭ قوماندانى پېڭ جيارۇي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كەنت سېكرېتارى: ئاتا-ئانىسى تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن بالىلار «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دە ئوقۇماقتا
مۇخبىرىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، كېرىيە ناھىيىسىدە ئاتا-ئانىسى تەڭلا يىغىۋېلىش لاگېرغا ئەكېتىلگەن بالىلار «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن ياتاقلىق دارىلئېتاملارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خادىملاردىن بىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دىن كېرىيە ناھىيىسىدە ئىككىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدا 4 ياش بىلەن 18 ياش ئارىسىدىكى 3 مىڭچە بالا ئاتا-ئانا مېھرى ۋە تەربىيىسى ھەمدە ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە يېتىشتۈرۈلمەكتە.
كېرىيەدە بۇ ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دىن باشقا ناھىيە بازىرى ئىچىدە بىر دارىلئېتام، يېتىم-يېسىرلار ئورنى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 4 ياشتىن كىچىك بالىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئىككى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نىڭ بىرى كېرىيە ناھىيە بازىرىدا، يەنە بىرى بولسا كېرىيەنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىغا ياسالغان.
ئاتا-ئانا مېھرى، تەربىيىسى ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىغا قانداق كونكرېت قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، روھىي دۇنياسىغا قايسى دەرىجىدە زىيان-زەخمەتلەرنى سېلىۋاتقانلىقى ئالاقىدار تەرەپلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىلدى
2009-يىلى گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خېلىل مامۇت، ئابدۇللا ئابدۇقادىر، ئابلىكىم تۇراخۇن ۋە سالاھىدىن ئابدۇلئەھەد قاتارلىق تۆت ئۇيغۇرغا ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندە، يەنى 27-ئاۋغۇست كۈنى بېرمۇدا پاسپورتى تارقىتىپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى بولماسلىق تارىخى ئاخىرلاشقان.
بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بېرمۇداغا كەلگەندىن كېيىنكى سەرگۈزەشتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىدۇق» دېدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى «خاتا ۋاقىتتا، خاتا ئورۇندا قولغا چۈشۈپ قالغان، ئۇلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن ھەمدە بېرمۇداغا يەرلەشتۈرگەن ئىدى.
توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرىدىكى 20 مەسچىتتىن ئون بىرى چېقىۋېتىلگەن
قەشقەر ۋە خوتەنلەردە «مەسچىتلەرنى ئىخچاملاش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەسچىت چېقىش دولقۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىمۇ داۋام قىلماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرىدا بار بولغان 20 مەسچىتتىن 11 مەسچىت چېقىۋېتىلگەن. بازار ئىچىدىكى چېقىۋېتىلگەن قەدىمىي مەسچىتلەردىن توپائېرىق ۋە گۈلباغ مەسچىتلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى سالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت مەسچىتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىكەنلىكى، بۈگۈن بۇ مەسچىتلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ چېقىلىش ۋە تاقىلىشتەك قىسمەتكە دۇچ كېلىشى بىلەن بىرلىكتە مانا مۇشۇ مەسچىتلەردە تەبلىغ ئاڭلىغان ۋە ئىبادەت قىلغان 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى دىققەت قوزغىدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى يېقىندا «خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر كومىتېت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ 9-ئىشخانىسى ئارقىلىق ئۆز بېسىم سىياسىتىنى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى كارولىن بارسولومىۋ رادىيومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ھەم شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى قاتارلىق مىساللار خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرمەكتە» دېدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلار ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، بالىلارنى يېتىم قىلماقتا
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلار دۇنيادا ئاشكارىلانغانسېرى ئۇ پەيدا قىلغان ئېچىنىشلىق ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرمۇ بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ ھەپتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بېلىقىز ھەبىبۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان يولدىشى ھەسەن ئاۋۇدىن ۋە ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان قىزى سەكىنە ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغان يولدىشى ھەسەن ئاۋۇدۇننى 2017-يىلى 1-ئاپرېل كەچقۇرۇن ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. بېلىقىز خانىم شۇندىن بۇيان ئەمدىلا 3 يېرىم ياشقا كىرگەن قىزى سەكىنەدىنمۇ خەۋەر ئالالمايۋاتقان بولۇپ، ئۇ بالىسىنىڭمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ھازىر تۈركىيەدە ياشايدىغان، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسى يەكەن بازىرىلىق بولغان تۇرغۇنجان تۇرسۇنمۇ ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 2014-يىلى ئىيۇندا تىرىكلىك يولى ئىزدەپ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى 2015-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
تۇرغۇنجاننىڭ 4 ئوغلى بولۇپ يېقىنلىرى ۋە بەزى تونۇشلىرىدىن خەۋەر تېپىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان چوڭ ئوغلى 23 ياشلىق ئابدۇشۈكۈر تۇرغۇننى دائىرىلەر گۇاڭجۇ شەھىرىدىن ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كەلگەن. ئىككىنچى ئوغلى ئالىمجان تۇرغۇن يەكەن بازاردا تۇتقۇن قىلىنغان.
تۇرغۇنجاننىڭ ئايالى ئارزۇگۈل تۇرسۇن ۋە ئوغۇللىرى 7 ياشلىق سەيپۇللا ۋە 5 ياشلىق مۇجاھىت بىلەن بىرلىكتە يەكەن ناھىيە ئىگەچى بازار 9-كەنتتىن تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇرغۇنجان دائىرىلەر ئۇنىڭ ئايالى ئارزۇگۈلنى 2015-يىلى 11-ئايدا بالىلاردىن ئايرىپ، «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا ئېلىپ كەتكەندىن بۇيان بالىلارنىڭ ھازىر نەدىلىكى، ئۆلۈك-تىرىكلىكىدىنمۇ خەۋەر ئالالماي كەلمەكتە ئىكەن.