2018.08.29

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىس سمىت قاتارلىق بىر تۈركۈم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى 29-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن مالىيە مىنىستىرى ستېۋىن مۇنىچىنغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

تەلەپنامىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر سولىۋېلىنغان لاگېرلارنىڭ چوقۇم قاتتىق ۋە نىشانلىق تەكشۈرۈلۈشى شۇنداقلا خەلقئارالىق ئىنكاسقا ئېرىشىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە مەزكۇر لاگېرلارغا ئالاقىدار ئەمەلدارلار ۋە تىجارىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى شۇنداقلا چېن چۇەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالىنىشى لازىملىقى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەلەپنامىگە ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيىگە مەنسۇپ ئەزالار بار بولۇپ، مەكتۇپتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددە ئېلىپ زور مەنپەئەت قازىنىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭمۇ جازالىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەكتۇپتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ئۆلۈم ھادىسىلىرى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقى، لاگېردا سولىنىپ ياتقانلار ئارىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ماگنېتسكىي قانۇنى ئامېرىكىدا 2012 ‏-يىلى ماقۇللانغان. بۇ قانۇن بويىچە جازالانغانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ ۋە ئامېرىكا بانكىلىرىدىكى مال دۇنياسى توڭلىتىلىدۇ.