2018.08.29

مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىن ھەيدىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە بۈگۈن، يەنى 29-ئاۋغۇست كۈنى ماقالە ئېلان قىلغان «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدە، بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئاجىز ئىنكاس قايتۇرۇشىدا ئۇيغۇر رايوندىكى ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىلىق مۇخبىر مېگا راجاگوپالان ۋە فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىملارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكى ئۈچۈن ۋىزىسىنىڭ ئۇزارتىلمىغانلىقى ۋە خىتايدىن ھەيدەلگەنلىكى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان مايا ۋاڭ: «ئەگەر خۇددى روھىنگادا بولغاندەك ئۇيغۇر رايونىغىمۇ مۇخبىرلار سەپ-سەپ بولۇپ كېلەلىگەن، خالىغانچە سۈرەتكە تارتالىغان ۋە سىنغا ئالالىغان بولسا روھىنگالىقلارنىڭ ئاۋازى دۇنياغا يەتكەندەك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاۋازى دۇنياغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلانغان بولاتتى. يەنە كېلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قارىتا ھازىرقىدىنمۇ جىددىيراق ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئېھتىمالى بولغان بولاتتى» دەپ يازغان.

بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بىلەن روھېڭگا ۋەزىيىتى ھەققىدە تۇنجى قېتىم سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشى ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ب د ت دا روھېڭگا مەسىلىسىدە بېرما ھۆكۈمىتىنى قوللىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ روھېڭگا ۋەزىيىتىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېرما ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.