2018.08.22

خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئالدىنقى كۈنى، 20‏-ئاۋغۇست كۈنى «خىتاينىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ناملىق بىر ئىلمىي دوكلات ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇندەرىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكلات «ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ساۋات»، «چېن چۈەنگونىڭ قول ئاستىدا»، «خىتايدىكى لاگېرلار»، «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر رايونىدىكى 21-ئەسىر لاگېرلىرىغا ئومۇمىي بىر نەزەر» دېگەندەك يىگىرمە نەچچە باب ۋە بۆلۈمدىن تەشكىللەنگەن.

34 بەتتىن تەشكىل تاپقان ۋە ئىنگلىزچە تەييارلانغان بۇ دوكلاتتا بۇ لاگېرلارنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسى، ئىچكى تۈزۈمى، جازا ئوبيېكتى قىلىنغانلارنىڭ تەركىبى ۋە كىملىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەندىن باشقا يەنە بۇ لاگېرلارنىڭ تۈرمە بىلەن پەرقى ۋە ئوخشاشلىقلىرى، بۇ لاگېرلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتىرى ھەققىدىمۇ مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

دوكلاتنىڭ باش قىسمىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بىر ئىلمىي ھەيئەت تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىكەن.

لاگېرلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملىرى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى تەخمىنىي سانىمۇ تىلغا ئېلىنغان بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ لاگېردا ئىكەنلىك پەرىزى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلات ئاخىرىدا لاگېرغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش، لاگېردىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالنى تېزدىن كۆزدىن كۆچۈرۈش، لاگېرلارنى دەرھال تاقاش ۋە ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى خەلقئارا جازاغا تارتىش قاتارلىق تەكلىپ ۋە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلات لاگېرلار ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۇنجى ۋە نىسبەتەن چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي دوكلات ھېسابلىنىدىكەن.