
ئامېرىكىدىكى 6 نەپەر سېناتور پومپېيوغا خەت يېزىپ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى
26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى تەسىرى زور 6 نەپەر سېناتور ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيوغا ئىمزالىق مەكتۇب يوللاپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» دا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
مەكتۇبتا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئامېرىكىدىكى چەتئەللەرگە قارىتا خەۋەر بېرىدىغان 5 مۇھىم تاراتقۇنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئۇچىغا چىققان ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارغا تەھدىت سېلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا قاراپ تۇرسا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
مەكتۇبتا يەنە پومپېيونىڭ يوقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلومات بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايغا بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» 26-ئىيۇل كەچقۇرۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» دا خۇلاسىلەندى.
خۇلاسە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغان ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى نىككى ھەيلى خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. ئۇ «ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى رەت قىلىش ئەڭ تىپىك ئىستىبداتلىقتۇر» دېدى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى دەرھال تاقىشىنى تەلەپ قىلدى.
نىككى ھەيلى خانىم دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپەيودىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىپلىگەن ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىدۇر.
كۇچانىڭ خانىقاتام يېزىسىدا 5 مىڭدەك كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
مۇخبىرىمىزنىڭ لاگېرلار ھەققىدە كۇچا ناھىيەسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا كۇچانىڭ خانىقاتام يېزىسىدا 5 مىڭدەك كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولاقلىق ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن ھازىرغىچە بىرسىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
خانىقاتام يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى خانىقاتام يېزىسىدا لاگېرغا ئادەم ئاپىرىشنىڭ بىر ئايدىن بۇيان توختىغانلىقىنى، ئەمما لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن 5 مىڭچە كىشىدىن تېخى بىرسىنىڭمۇ قويىۋېتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۇچا ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىستېراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم، ئاھالىسى زىچ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر بوستانلىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تەقىپ سىياسىتى ئەڭ قاتتىق يۈرگۈزىلىۋاتقان ناھىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق ھەج تاۋاب قىلغۇچىلارغا «ئىز قوغلىغۇچ» ئورنىتىدىكەن
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتايدىن ھەج تاۋابىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدىغان مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە لايىھىلەنگەن «ئىز قوغلىغۇچ» ئەسۋابى ئېسىپ قويىدىكەن.
ئىككىلىك كود چاپلانغان بۇ ئەسۋابقا ھەج قىلغۇچىنىڭ رەسىمى ۋە باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلىدىكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق ھەج تاۋابىتى ئۈچۈن خىتايدىن مەككىگە بارىدىغان 3300 ھاجىغا مۇشۇ خىلدىكى ئەسۋاب ئېسىپ قويۇلىدىكەن.
خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى «بۇ ئەسۋاب ھاجىلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېسىلىدۇ» دەپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئادريان زېنز قاتارلىق چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ھەج تاۋابىتىگە بارىدىغان ھاجىلاردىنمۇ خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.
تايلاند تۈرمىسدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىر بىلال ئالەمدىن ئۆتكەن
4 يىلدىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن بىلالنىڭ 1-ئاۋغۇست كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ خەۋەر خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقالغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2014-يىلى خىتايدىن قېچىپ چىقىپ تايلاندقا كىرگەندە «چېگرادىن قانۇنىسىز كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىكەن. ئۆتكەن يىلى بىلالنىڭ قان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغانغان بولۇپ، ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن بۇ ئۇيغۇر ياش تۈرمە شارائىتىدا يېتەرلىك داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جىددىي بايانات ئېلان قىلدى ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە يىللارچە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن يەنە 61 نەپىرى بار ئىكەن.
ۋاشىنگتوندا «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى» ئۆتكۈزۈلدى
27-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى» ئېچىلدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ باش قوشۇشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور مەمتىمىن ئەلا رىياسەتچىلىك قىلدى. شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، زىيالىيلارنىڭ نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.