
مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرۇش رۇخسەتنامىسىنى ئۇزارتىشى قىيىنلاشقان. بۇ ئەھۋال سەئۇدىدا ئوقۇۋاتقان ۋە يېقىنقى يىللاردا كۆچۈپ كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى تۈركىيەگە كۆچۈشكە تۈرتكە بولغان. گەرچە بۇ تۇرۇش رۇخسىتى قىيىنچىلىقىدا خىتاينىڭ قولى بار-يوقلۇقى تېخى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلارنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت يەنى تۇرۇش رۇخسىتىنى ئۇزارتىشى مۈشكۈللەشكەن. ئىككى يىلدىن بېرى سەئۇدىدا باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىيىنچىلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئىشلىرىم خېلى يۈرۈشۈپ قالغان ئىدى؛ باغ-ۋارانلارمۇ كۆكىرىپ، مېۋىلىرى ئوخشىغىنى تۇرغان ئىدى. ئۇشتۇمتۇت كوچىلاردا گەپلەر تارقالدى: سەئۇدىدا بۇ يىل ھەجدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ھەيدىلىدىكەن دەپ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقامىتىمنى ئۇزارتقىنى بەرسەم تېخىچە تەستىقلانمىدى؛ تونۇشلىرىمدىن بەزىلىرى پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئۇزارتقىنى بارسا (خىتاي كونسۇلخانىسىغا) ئۇزارتىپ بەرمەپتۇ. مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ كوچىدا تارقالغان گەپلەر راست ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم».
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەنە بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆچمەنلەر قانۇنى بۇرۇندىنلا چىڭ، ئەمما سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يىللاردىن بېرى ئېتىبار پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ كەلگەن ۋە رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا يول قويۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىلقى ۋەزىيەت باشقىچە، چۈنكى بۇلتۇردىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆچمەنلەرگە قارىتا باشقۇرۇش يەنە بىر بالداق كۈچەيگەن. شۇڭا قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان ئۇيغۇرلار، بۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى قېيىن. سەئۇدىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئوبۇلقاسىم ھاجىممۇ سەئۇدىدا كۆچمەنلەرگە قارىتا بىر قىسىم رەسمىيەت ھەققىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدىدا تۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاشكارىلىنىشىچە سەئۇدىدا يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتىن خاتىرجەم بولالمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئايرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مىسىردا ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنى مىسىردىن ھەيدەش ۋە خىتايغا قايتۇرۇش دولقۇنىمۇ مىسىردىكى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش شوئارى ئاستىدا داۋام قىلغان. شۇڭا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، سەئۇدىدىكى بۇ يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇلۇشىغا سەۋەب ۋە ياكى پۇرسەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، قۇرۇلتاي ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزگەن ۋە ئامېرىكا تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قانۇنىي رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىكى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىگە خىزمەت ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خادىملىرى، سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلارغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.