«5-ئىيۇل ۋەقەسى»خاتىرىسىدە ۋاشىنگتون شەھرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش«5-ئىيۇل ۋەقەسى»خاتىرىسىدە ۋاشىنگتون شەھرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش

ھەر يىلى «5-ئىيۇل» كۈنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا زور پاجىئەلىك بىر كۈننى ئەسلىتىدۇ. بۇنىڭدىن توققۇز يىل ئىلگىرىكى 2009-يىلى  5-ئىيۇل كۈنىدە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان ئىدى. ئۇلار شۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھرىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ «مىڭلىغان خىتاي ئاھالىسىنىڭ كوللىكتىپ ھۇجۇمىدا تاياق يېگەنلىكى ۋە ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە ئۇيغۇر ياشنىڭ تاياقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» ھەققىدىكى خەۋەردىن نارازى بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. تىنچ شەكىلدىكى نامايىش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلانغان، بىر قىسىم ياشلار قولغا ئېلىنغان. ئاخىرىدا بولسا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قاراڭغۇ چۈشكەندە پۈتۈن توك يولىنى كسىپ تاشلاپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىن قىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان.

ھالبۇكى، شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، نەچچە ئونلىغان ياشلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، يەنە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقى ھەققىدە شاھىتلار ۋە باشقا مەنبەلەر كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغا قەدەر شۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى ئېلان قىلغىنى يوق. چەتئەلدىكى ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇستەقىل تەكشۈرىشىگىمۇ رۇخسەت بەرگىنى يوق. ئەكسىچە، ئۇلار ئىزچىل ھالدا «ئۈرۈمچىدىكى بىر توپ زوراۋان كۈچلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزماقچى بولغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك تەرتىپنى قوغدىغانلىقى» ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كەلمەكتە.

شۇنىڭدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق شۇ قېتىملىق تىراگېدىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، غايىپ بولغان ۋە تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىنغان كىشىلەرنى خاتىرىلەشنى داۋام قىلماقتا. شۇ قاتاردا بۇ يىلمۇ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە، مارىيلاند قاتارلىق شىتاتلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىش باشلىنىش ئالدىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

بۈگۈنكى نامايىشنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بولسا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى بىر مۇھىم ۋاستە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

5-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلانغان نامايىشتا ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلقىدەك ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» غا ھۆرمەت بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان باشلانغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئارقىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن مىكروفوننى ئېلىپ، بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقان ياشلارنىڭ بىرقىسمىغا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

نۇتۇقلاردىن كېيىن نامايىشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى غەزەپلىك شوئار سادالىرى بىلەن ئەلچىخانا بوشلۇقىنى لەرزىگە كەلتۈردى.

بۇ جەرياندا د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ توققۇز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچنى يوقاتماسلىق لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

بىر سائەتلىك شوئار توۋلاشتىن كېيىن نامايىشچىلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پلاكاتلار ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگىنىچە، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئاۋات جايلاردىن بولغان دۇپونت ئايلانمىسىغا يۈرۈش قىلدى.