
سىرلىق ۋە قاباھەتلىك «5-ئىيۇل» ئۈرۈمچى كېچىسى شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن ئايدىڭلاشماقتا
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېقىنلىشىۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىدە ئېغىر يارىلارنى قالدۇرغان بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەر قايتا ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە شاھىت بولغان، 2016-يىلى تۈركىيەگە چىقىپ پاناھلىنىۋاتقان ئىزچى ئەپەندىنىڭ «مۈرەمدە ھەپتە تۇرغان ئوق» ناملىق ئەسلىمىسى يېقىندا فېيسبوكتا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسلىمىنىڭ ئاپتورى ئىزچى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» جەريانىدا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى، ھەتتا شۇ كۈنى مۈرىسىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاتقان ئوقى تېگىپ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئىزچى ئەپەندى شۇ كۈنى كەچقۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى چىراغلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆچۈرۈپ، نامايىش قاتناشچىلىرىنى قىرغىن قىلغانلىقىدەك قاباھەتلىك ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئىزچى ئەپەندىنىڭ يېقىندا فېيسىبوكتا ئېلان قىلغان «5-ئىيۇل ۋەقەسى» توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنى ئەل سۆيگەن ناخشىچى، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى مىرزات ئالىم بىلەن بىر ئۇيغۇر ساقچى ئاغىنىسىدىن ئالغان ساقچى كىيىمىنى كىيىپ، شەھەر ئىچىدە ئات بەيگە مەيدانى، مازارلىق، سەنئەت مەكتەپ، رابىيە قادىر سودا سارىيى، بەيتۇللا مەسچىتى، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق جايلاردەك خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرى قامال قىلىۋالغان يوللاردىن ئۆتۈش جەريانلىرى ھەمدە بۇ جەريانىدا شاھىت بولغان قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنى بايان قىلغان.
كۆز بىلەن بۇنداق بىر مەنزىرىنى كۆرۈشنى ئويلاپمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتقانلىقىنى يازغان ئىزچى شۇ كۈنى تېخى بىر مۈرىسىگە ئوق تەككەن يارىدار ئىدى.
ئىزچى ئەپەندى 5-ئىيۇل كۈنى چىراغ ئۆچۈرۈلگەن كېچىدىن تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئارىلىقتا يولدا ۋە ئورمانلىقتا ياتقان جەسەتلەر تۇرغانلىقى، قوللىرىغا سۈرتكۈچ تۇتقان تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ رېشاتكىلاردىكى قانلارنى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئەسكەر-ساقچىلارنىڭمۇ يوللاردىكى جەسەتلەرنى توپلاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سۇ ناسوسلىرى بىلەن يوللارنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ قورقۇنچلۇق قانلىق مەنزىرىلەرنى ئىلگىرى، يەنى «5-ئىيۇل» دىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىقالىغان باشقا ئۇيغۇر شاھىتلارمۇ ئوخشاش سۈرەتلىگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە نارازىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى نەق مەيدانغا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، سوتسىز جازا ئىجرا قىلىشتەك «قانلىق قىرغىنچىلىق ۋە دۆلەت تېررورلۇقى» نى مەخپىي ئېلىپ بارغان بولسا، ئەمدىلىكتە شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاشكارا ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.»
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن مەزكۇر پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.