washington-namayish-sham-koydurush.jpgئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىگە يېتىۋاتقان مىللىي زۇلۇم ۋە باستۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇنى ئاق سارايغا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاق ساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 22-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.

 Photo: RFA

washington-namayish-sham-koydurush-4.jpg

ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىگە يېتىۋاتقان مىللىي زۇلۇم ۋە باستۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇنى ئاق سارايغا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاق ساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 22-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئومۇمىيلىق تۈسىنى ئېلىۋاتقاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا غەزىپىنى ئىپادىلىدى. ئەنە شۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ بىرى 22-ئىيۇن كۈنى كەچقۇرۇن ئا ق ش پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئولتۇراق ۋە خىزمەت ئورنى بولغان ئاق ساراينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى لافايېت چىملىقىدا شام تۈنىكى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش ھەققىدىكى ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئۆگىنىش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشقا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەش ھەمدە بۇ يۈزلىنىشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاق سارايدىكى ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ يادىغا سېلىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى.

كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭمۇ دائىمقىدەك «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مارشتىن كېيىن ئىلشات ھەسەن د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلاردا ئۆسمۈرلەرگىچە بۇنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالەت داۋام قىلىۋەرسە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىكى يېقىن كەلگۈسىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەنلەردىن «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى»نىڭ ۋەكىلى دەنچور گېتسۇ خانىممۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئېزىلىۋاتقانلىقىنى، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىغان بولسىمۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ روھى ھەرقاچان كېيىنكىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھەققانىيەتنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر داۋاسى ۋە تىبەت ھەرىكىتىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا كەلگەنلەر ئارىسىدا يەنە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، شۇلار قاتارىدا ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن خەن ليەنچاۋمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ۋاقىتلىرىدا ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدا، سىياسىي ئۆگىنىش لاگېرىدا بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھادىسىلەرنىڭ قانچىلىك ۋەھشىي بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلار بىرلىكتە شوئار توۋلىدى. ئۇلارنىڭ «خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىسۇن!»، «خىتايدىكى تۇغقانلىرىمىز قويۇپ بېرىلسۇن!»، «ئۇيقۇڭنى ئاچ، ئامېرىكا!» «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك!»، «ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك!» دېگەندەك شوئار سادالىرى بىرەر سائەتكىچە ئاق ساراي ئەتراپىدا جاراڭلاپ تۇردى. شوئار توۋلاشتىن كېيىن كۆپچىلىك ئالدىن تەييارلانغان شاملارنى تۇتاشتۇرۇپ، نەچچە ئونلىغان شاملارنى كۆتۈرگىنىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كېتىۋاتقان تونۇش ۋە ناتونۇش كىشىلەرنى سۈكۈتتە ئەسلىدى.

ئارىلىقتا بۈگۈنكى نامايىش ئۈچۈن يىراق يەرلەردىن كەلگەنلەرنىڭ بىرى بولغان ماھىرە خانىممۇ سۆز ئېلىپ ئۆز ئارزۇسىنى بايان قىلدى.

نامايىش ئارىلىقىدا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ غەرب دۇنياسىدا بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان شام يېقىش ئارقىلىق مەلۇم داۋا ئىشلىرىنى قوللاشتەك ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەمەس، بەلكى ئاق ساراي يېنىدا بولغانلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىق تەشكىللىنىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتناشماقتا ئىكەن.