erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «ساقچى دۆلىتى» نىڭ كونتروللۇق سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامىغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناسلار ئارقا-ئارقىدىن ئىنكاس قايتۇردى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىگە قاراشلىق «خىتاي ئارخىپى» ھەپتىلىكى مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، 6 نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئالغان.

مەزكۇر سۆھبەتتە رىئان تۇم، راچېل ھاررىس، جېيمېس لايبولدت، شان روبېرتس، كېۋىن كارىكو ۋە جېسسىكا باتكې قاتارلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارادا تونۇلغان 6 نەپەر مۇتەخەسسىس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

2

ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ جەسىتى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نىلقا ناھىيەسىدىكى دىنىي زات ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.

رادىيومىز بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ جەسىتىنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن ئېلىپ چىقىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىدىكى ئائىلىسىگە قايتۇرغانلىقى دەلىللەندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجى ئەينى ۋاقىتتا «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە چېتىلىپ 5 يىل تۈرمىدە ياتقان بولۇپ، ئۇ تۈركىيەدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن تونۇلغان جامائەت ئەربابى مەرھۇم سەلەي ھاجىمنىڭ 5-ئوغلى ئىكەن.

3

خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى گېرمانىيەدىكى ئوسمان تۇرسۇندىن دولقۇن ئەيسا ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئوسمان تۇرسۇن يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئوسمان تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» غا قامالغان ئوغلىنى دۇبەيگە ئەۋەتىپ، ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىكەن.

ئوسمان تۇرسۇن يەنە خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، دولقۇن ئەيسا قاتارلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

4

24 ياشلىق نۇرىمانگۈل مەمەت بۈگۈردىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلۈپ كەتكەن

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالتە ئايدىن بۇيان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغان 24 ياشلىق نۇرىمانگۈل بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى لاگېردا جان ئۈزگەن.

نۇرىمانگۈلنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرىمانگۈل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن شەھەرلىك ئۇزۇن يوللۇق قاتناش ئىدارىسىدە ئىشلىگەن ئىكەن.

دائىرىلەر ئۇنى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدىن بىر قانچە گۇمانلىق ئادەمنى ياخشى تەكشۈرمەي ئۆتكۈزۈۋەتكەن» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلغان ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق بۈگۈر ناھىيەسىگە ئېلىپ كەتكەن ئىكەن.

5

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ يىل 40 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىدىكەن

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ يىل تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2014-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ كەلمەكتىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى جەمئىي 59 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقاتقان ئىكەن. بۇ يىل ۋەتەنپەرۋەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىرى 40 نەپەرگە يەتكۈزۈلگەن.

6

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا

6-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى باشلاندى. نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

نامايىش جەريانىدا توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىممۇ سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

6-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېندىن يولغا چىققان «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا يېتىپ كەلگەن.

ئۇلار شۇ كۈنى بېرلىندىكى براندېنبۇرگ دەرۋازىسىغا يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ۋەكىلى بىلەن «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بېرلىندىكى نامايىشتىن سىرت يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىدىكەن.