ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جېيمىس ماكگوۋېرن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ۋاشىنگتوندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يالىشىرى نامايىشىنىڭ يېتەكچىسى سالىھ خۇدايار بىلەن كۆرۈشتى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، جېمىس ماكگوۋېرننىڭ ئىشخانىسىدا داۋام قىلغان بۇ كۆرۈشۈشتە، ماكگوۋېرن مەزكۇر نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلە ۋە نامايىشچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
رابىيە خانىم سۆزىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋەزىيىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇرۇن ئىلمىي خىزمەت ۋە ئوقۇشلىرى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا سەپنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى ياشلار نامايىشىنىمۇ ئەنە شۇ يۈزلىنىشنىڭ بىر قىسمى، دەپ چۈشەندۈرگەن.
كۆرۈشۈشتە سالىھ خۇدايار، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسەت ۋە تەلەپلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. جەيمىس ماكگوۋېرن نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تەلەپلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە ئەربابلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.