washington-namayish-rebiye-xanim-soz.jpgئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نامايىشىدا د ئۇ ق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 4-ئىيۇن.

بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان نامايىشىنى باشلىدى. نامايىش 4-ئىيۇل دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلىغان بولۇپ، نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىشتىراك قىلدى. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنى ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئورۇنلار ئىچىدە ئامېرىكا توم لەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق فوندىمۇ بار بولۇپ، توم لەنتوس فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم نامايىشچىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى. كاترىنا خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدا 800 مىڭدىن 1 مىليونغا يېقىن گۇناھسىز، تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەر لاگېردا يېتىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ بۇ يەرگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى. كاترىنا خانىم سۆزىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيولار قىلغان چاقىرىقلارنى قارشى ئېلىش بىرگە، ئۇنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كاترىنا خانم مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى بۇ مەسىلىگە ئىپادىسىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس، يەنىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. مەنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى ھاكىمىيەتلەرنى، ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان، ئۇلارغا چەكلىمە قويۇپ، بانكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتالايدىغان بىر ياخشى قورالى بار، ئۇ بولسىمۇ «خەلقئارا ماگنېتىسكى قانۇنى». شۇڭا بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆپ دىققەتتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ ئارقىلىق دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق زالىملارچە سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى چوقۇم بىر تەدبىر ئالغۇزىدىغان بېسىم شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.»

بۈگۈنكى نامايىشقا يەنە خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دىنى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ياش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ يەرگە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دىنى ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاخىرىدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلاردىن بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنى ئاساسەن ياشلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىغا بىر ئاۋاز بولۇش، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى نامايىش كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى. نامايىشچى ياشلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدىكى نامايىشىنى يەنە ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.