15-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ دەپسەندە بولۇشى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى» سىن ھۆججىتىگە ئېلىنغان خاس باياناتنى ئەۋەتتى.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يەتتە مىنۇتلۇق بۇ سىن ھۆججىتىدە كومىتېت رەئىسلىرىدىن راندىي خالتگرېن ۋە جېيمىس مەكگوۋېرن مەخسۇس ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەلىرىدىكى ئېغىر باستۇرۇشلارنى سىستېمىلىق ۋە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇندىن كېيىنكى ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىدە ئۇيغۇرلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاشقا چاقىرغان.
باياناتتا كومىتېت رەئىسى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى راندىي خالتگرېن نۇقتىلىق قىلىپ ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھەقلىرى ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كونتروللۇقنى چەتئەللەرگىچە سوزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك نازارەت مېخانىزمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك كۆزىتىش كامېرالىرى، تەقلىدىي ئەقىل قاتارلىقلار بىرلەشكەن ھالدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «ئورۋېل»چە نازارەت شەكلىنى ئالغان «تەجرىبىخانا»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى جانلىق بايان قىلغان.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىتايدا قالغان ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى تۈرمىگە سولاۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىر خانىم ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ بىگۇناھ تۇغقانلىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كومىتېت رەسلىرىنىڭ يەنە بىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن بولسا نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل قاتتىق بېسىملارغا قارىتا ياۋروپا پارلامېنتىغا سۇنۇلغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئاسسمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلىرىگە بولسا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە «سەلكىن» تورىنىڭ سابىق باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئېمىننى مىسالغا ئالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.