2018.05.14

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 13‏-ماي ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر-خىتاي بىر ئائىلە بولۇش» پروگراممىسىنى دەرھال بىكارقىلىش ھەققىدىكى دوكلاتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىنىڭ سىملىق خەۋەرلەر تورى – CNN دۈشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر پروگراممىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە ئۇنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 13‏-ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كومپارتىيە كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاشقا مەجبۇرلاشتەك بۇ ھەرىكەت رايوندىكى 11 مىليون ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكى تەكتىلەنگەن.

CNN نىڭ خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق كومپارتىيە كادىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يەرلىك ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ خىتاي كادىرلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى، سىياسىي قارىشىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، بۇ كادىرلارنىڭ يەنە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى «سىياسىي تەربىيەلەش» كە يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

CNN خەۋىرىدە يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىر خانىملارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، مايا ۋاڭ «بۇ پروگرامما تەقىپلەشنىڭ ئاخىرقى شەكلى. بۇ سىياسىي ئىدىيەنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پروگراممىسى» دېگەن. رابىيە قادىر خانىم بولسا پۈتۈن بۇ باستۇرۇشلارنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ يېزا-كەنتلەرگە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش پروگراممىسى 2014‏-يىلى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن 2017‏-يىلى ئۇنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ھازىرقىدەك ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە خىتاي كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرگەن ئىدى.