meschit-tik-uchar-ayropilan.jpgمەسچىتنىڭ ئۈستىدە چارلاۋاتقان تىكئۇچار ئايروپىلان. 2009-يىلى 11-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

رامىزان كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۈشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ساقچى دۆلىتىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ دائىرىدىكى چەكلىمە سىياسىتى ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئەركىنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىمىزدا، يەنى 15 -ماي باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان رامىزان ئېيىدىكى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگىچە پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان چەكلىمىلىرى قورشاۋ ئاستىدىكى دىنىي ۋە ئېتنىك بىر ئاز سانلىق مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت» دەيدۇ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى دانىيال مارك باياناتىدا.

ئۇ يەنە؛ «خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىست كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھالدا قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماش ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ۋەھىمە، گۇمان ۋە ئىشەنمەسلىك ۋەزىيىتى ياراتتى»، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تىنچ ھالدا ئۆز ئىبادەتلىرىنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرىدىن تاشقىرى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش ۋە ئىبادەت قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن، زورلاش خاراكتېرلىك بەزى يېڭى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا، بۇ مەزگىللەردە قوراللىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى ۋە يېڭى ساقچىخانىلارنى قۇرۇپ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئامانلىق خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، ئىز قوغلاش سىستېمىسى، يۈز تونۇش، كۆز تونۇش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەر خىل تېخنىكىلىق نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالىدىغان نازارەت ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

باياناتتا بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ئۈچۈن مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشنى بىكار قىلغانلىقى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىشى ۋە ئۇلارغا ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشنىمۇ چەكلەۋاقتانلىقى قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.

مارك دانىيال يەنە باياناتتا دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى توختىتىشقا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىپ: «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان خورلاشلىرىغا دىققەت ئاغدۇرۇشقا چاقىرىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە ئارىلاشقان دۆلەتلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشقا كۈچلۈك رەۋىشتە رىغبەتلەندۈرىدۇ. دۇنياۋى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ۋە باشقا قاراتمىلىققا ئىگە قانۇنىي ۋاسىتىلەر ھۆكۈمىتىمىزنى بۇ خىلدىكى دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتا ھوقۇق ۋە ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جوللى خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھەددىدىن ئاشقان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ». دېدى: ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كومېتىتىمىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە چەكلىمىلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىگە قارىتا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا ھالدا ئەيىبلەپ كەلدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇنسىز ھالدا جازالاشنى ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئالاھىدە دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە، ئەپسۇسكى باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى مەنچە تېخى يېتەرلىك ئەمەس».

ساندرا خانىم، باياناتتا تىلغا ئېلىنغان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكنى توختىتىشتا دۇنيا ماگنىتىسكىي قانۇنىنىڭ خەلقئارا مىقيادا تەرغىب قىلىنىشىنىڭ تەسىرى بولىدىغانلىق ئىشەنچىنى ئىپادىلەپ يەنە مۇنداق دېدى : «مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ خەلققە جىددىي دىققەت بېرىشىگە تەقەززا، ئۇلارنىڭ ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكى ۋە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز ھەقىقەتەنمۇ تەخىرسىز بىر مەسىلە. مەن بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە سوئال سوراشتىن سىرت ماگنىتىسكىي قانۇنى ئارقىلىق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە ھالقىلىق رول ئوينىيالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە رول ئوينىغان مۇناسىۋەتلىك خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا ماگنىتسكىي قانۇنى بويىچە جازا قوللىنىش ۋە ئېمبارگو قويۇش چوقۇم ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ».

ساندرا جوللى خانىم خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلمىرە ئىمىن خانىمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ۋىجدان مەھبۇسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىشىدە ۋاكالەتچى بولغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2018‏-يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يېڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ بوغۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رامىزان ھارپىسىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە رايونغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپتىن ئوقۇغۇچى ۋە ئان- ئانىلارغا روزا تۇتماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىنامىگە قول قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا دائىرىلەرنىڭ 2017‏-يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتكەن بەزى يېڭى تەدبىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يەنىمۇ ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دىنىي ۋە سىياسىي، مىللىي، مەدەنىي جەھەتلەردىكى قاتتىق باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە رامىزان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاشنى ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق ئىبادىتىنى قىلالىشىنى قىياس قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەمما زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر خەلقنىڭ روزا تۇتالمىدۇق دەپ ئۆكۈنگىنىنىڭمۇ ئىبادەت سۈپىتىدە قوبۇل بولۇشىغا ئىشىنىدىغلانلىقىنى تەكىتلىدى.